Uyghur主要词典
زانزىباز
بىئولوگىيە
تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى، ئۇ ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان زانزىبار، پىمىبا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ يەر مەيدانى 2642 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن 36 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى زانزىبار بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر ئۇنى <ھىندى ئوكياندىكى مەرۋايىت> دەپ ئاتايدۇ. زانزىبارنىڭ ئاھالىسى 470 مىڭ بولۇپ، ئاساسىي قىسمىنى بانتو تىل سىستېمىسىدىكى شىۋاخىل خەلقلىرى تەشكى قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا يەنە ئەرەبلەر، ھىندىلار، پاكىستانلىقلار بار. ئاھالىسىنىڭ %95 ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. شىۋاخىل تىلىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى شەھەرلەردە ئىشلىتىدۇ. زانزىبار يەرلىك شىۋاخىل خەلقلىرىنىڭ كونا ماكانى، ئۇ جايغا 1503 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن. 17 - ئەسىردە مەسقات سۇلتانلىقىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولغان. 1856 - يىلى مۇستەقىل زانزىبار سۇلتانلىقى بولۇپ قۇرۇلغان. 1890 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان، 1964 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى زانزىبار خەلق جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1964 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تانگانىكا بىلەن زانزىبار بىرلىشىپ تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. تانزانىيە يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. زانزىبارنىڭ ئىقلىمى يىل بويى ئىسسىق، نەم بولىدۇ. تۆت پەسىل ئېنىق بىلىنمەيدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1400-2000 مىللىمتېرغىچە بولىدۇ. زانزىبار ئىقتىسادتا ئىسسىق بەلباغ زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، بولۇپمۇ قەلەمپۇر ئۆستۈرۈش ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كوكۇس پالمىسى، ھەرخىل مېۋە، شال قاتارلىقلارنى ئۆستۈرىدۇ. سانائەتتە كىچىك تىپتىكى دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياساش، قەلەمپۇر، كوكۇس پالمىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش، شېكەر، تاماكا، تېرە - خۇرۇم قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.