Uyghur主要词典
زانزىبار سۇلتانلىقى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨ ئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە شەرقىي ئافرىقىدا ھۆكۈم سۈرگەن سودا شەھەر بەگلىكى دۆلىتى. ⅩⅦ ئەسىردە زانزىبار ئارىلى ئەرەب مەسھىد - ئومان دۆلىتىنىڭ خوجىلىق يېرى بولغان. 1861-يىلى مەسھىد - ئومان دۆلىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇپ، ئاستا - ئاستا كۈچىيىپ، شەرقىي ئافرىقا دېڭىز بويى رايونلىرىنى تىزگىنلەپ، قۇل سودىسى ۋە پىل چىشى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. 1890-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت بولغان. 1963-يىلى مۇستەقىللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1964-يىلى 1-ئايدىكى ئىنقىلابتا سۇلتانلىق ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. 4- ئايدا تانگانىكا بىلەن قوشۇلۇپ تانگانىكا - زانزىبار بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 10-ئاينىڭ 29-كۈنى نامى تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.