Uyghur主要词典
زامىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كېپىل بولۇش، كېپىللىك؛ كېپىل:
مۇۋافىق، يارلار بىرلە بۇ دەمنى خۇش كەچۈر، بابىر،
نې ئۈچۈنكىم كېلۇر دەمگە بۇلا ئالماس كىشى زامىن.
بابىر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كېپىل بولغۇچى، كاپالەتلىك قىلغۇچى؛ كاپالەت؛ بىخەتەرلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ بولۇشىغا سەۋەب بولغۇچى.
كېسەلنىڭ سەۋەبچىسى ھەر كىمنىڭ ئۆزى. ئوغرى ئالغان مالغا ئىگىسى سەۋەبكار. ئۆز ئەيىبىگە دوست بولغان ئۆز بېشىغا زامىن بولار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىز گەپ - سۆز ياكى ئوڭۇشسىز ئىش - ھەرىكەت ئۈچۈن سەۋەبچى ياكى ئەيىبدار؛ جاۋابكار.
زامىن بولماق.