Uyghur主要词典
زانزىبار پادىشاھلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئومانلىقلارنىڭ شەرقىي ئافرىقىدا قۇرغان يەرلىك پادىشاھلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرى پورتۇگالىيىلىكلەرنى شەرقىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىن قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، مومباسادا قۇرۇلدى. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرى پايتەختى زانزىبارغا كۆچۈرۈلۈپ، <زانزىبار پادىشاھلىقى> دەپ ئاتالدى. بۇ پادىشاھلىق بىر مەھەل گۈللىنىپ، مىسىر، ئەرەب ئەللىرى، پرسىيە ۋە ھىندىستان بىلەن كەڭ سودا قىلىپ، ئىسلام دىنىنى تانگانىكا، نىياسالېند، كىنىيە ۋە ماداغاسقار ئارىلى قاتارلىق جايلارغىچە ئومۇملاشتۇردى. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگىلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ قالدى.