Uyghur主要词典
زاھىد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەركىدۇنيا قىلىپ، يەنى دۇنياۋى ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، تائەت - ئىبادەتكە بېرىلگەن دىندار، تەقۋادار، تەقۋادار كىشى، شەيخ:
پەرھىزچى، ئۆزىنى كۆپ نەرسىدىن چەكلىگۈچى:
1. مېنى مەنئ ئەتمە، ئەي زاھىد، قۇۋانمە زىكرە، ئەي سوفى،
كى سەن مەغرۇرسە زىكرە، مەنەم مۇشتاقى دىيدار.
نەسىمىي.
زاھىد سىفەت شەيخلەرىڭ مەسجىد سەرى يۇرغۇسى،
قوللارىدە تەسىبىھى رىيا تائەت قۇرغۇسى.
مەشرەپ.
2. زاھىد تۇتۇپ ئۆزىنى، كىيىپ سوفى خىرقەسىن،
كۆزىن يۇمۇپ فۇسۇن بىلە باشىن تەبرەتىپ.
سەبۇرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دىندار، تەقۋادار، سوپى، كىشىلەردىن قېچىپ يۈرگۈچى، ئىبادەتمەن، يامان ۋە ھارام ئىشلاردىن ساقلانغۇچى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
زايىت
تەقۋادار، دىندار