Uyghur主要词典
زاھىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
روشەن، پارلاق، يورۇق:
كۆرۈنۈپ تۇرغان، ئوچۇق - ئاشكارا، ئايان:
تاشقى كۆرۈنۈش، بىرەر نەرسىنىڭ سىرتى، تېشى:
رەۋاجى ھۇسن ئۈچۈن ھېچرەمنى كاھى ئەيلەمىش ئەزبەس،
بولۇر گۇل ھۇسنى زاھىر بولسە گەر رەڭگى خەزان پەيدا.
ئەرشى.
2. نەچچە ئەرزى ھال قىلسام باۋەر ئەتمەس، ۋايكىم،
داغى دىل زاھىر قىلۇرغە ئەمدى كۆكسۈمنى ياراي.
ئەرشى.
3. سوفى مەن دەپ، زاھىرىڭ ئاراستە ئەيلەپ سۈف ئىلە،
باتىنىڭدىن فىكر دۇنيا سوفى ئەھۋالىڭ غەلەت.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
روشەن، ئوچۇق، پارقىراق؛ تاشقى، كۆرۈنۈپ تۇرغان؛ يېڭى، پۇراقلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئابستراكت ئەمەس، تومتاق ئەمەس، تەپسىلاتى جەھەتتىن ناھايىتى ئېنىق.
كونكرېت تەھلىل قىلىش - ماركىسزمنىڭ جېنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. سىرتى، سىرتقى كۆرۈنۈشى.
سۈپ. ئوچۇق - ئاشكارا، روشەن؛ ئېنىق.
زاھىر بولماق. زاھىر ئەتمەك.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
زايىر، زايىرجان
ئوچۇق، ئاشكارا؛ كۆركەم، گۈزەل