Uyghur主要词典
ئىشارەت نامىزى
بىئولوگىيە
ئىسلام دىنىدا كېسەل ئادەملەرگە بەلگىلەپ بېرىلگەن ناماز شەكلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۆرە تۇرالمايدىغانلار ئولتۇرۇپ رۇكۇ قىلسا، سەجدە قىلسا بولىدۇ؛ ئولتۇرۇپ رۇكۇ قىلىشقا، سەجدە قىلىشىتىمۇ قىينىلىدىغانلار ئولتۇرۇپ بېشى بىلەن ئىشارەت قىلسىمۇ بولىدۇ؛ ئولتۇرۇشقا قىينىلىدىغانلار ئوڭدىسىغا يېتىپ ئىشارەت قىلسا بولىدۇ؛ ئۆرە تۇرۇپ رۇكۇ قىلىشقا، سەجدە قىلىشقا قىينىلىدىغانلار يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئىشارەت قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئىككى كۆزى، قېشى ۋە كۆڭلى بىلەن ئىشارەت قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.