Uyghur主要词典
ئىشان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ چوڭلىرى، يېتەكچىلىرى.
«بۇۋى» ئايال سوپى.
ئوغرى قېرىسا سوپى بولار، جالاپ قېرىسا بۇۋى. سوپى سوۋۇغاننى يەر، تاپسا يوغاننى. شەيتانغا ئىشەنسەڭ ئىشەن، ئىشانغا ئىشەنمە. ئۆلىما، ئىشانلاردىن ئازار كەلسە، ياۋاش ئەسكەر ياخشى ئۇندىن يۈز ھەسسە. بۇۋى سوپىدىن قېلىشمايدۇ. بۇۋى نېمە دېگىنىنى، نېمە قىلغىنىنى ئۆزى بىلسە ئىدى، «بۇۋى» بولماس ئىدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچە سۆز بولۇپ، ئىشانلارنىڭ باشلىقى ۋە ئۇستازى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئاللاغا ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان تىرىك «ئەۋلىيا» مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ دۇنيالىق ۋە ئۇ دۇنيالىق بەختىنى قوغدىغۇچى، ئىشان كەلگۈسىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ ھەمدە دۇئا - تەكبىر قىلىپ كېسەلنى ساقايتالايدۇ، دەپ قارىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ شەرتسىز بۇيسۇنۇشىغا ئىگە بولغان. ئادەتتە ئىشانلىق ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدۇ. ئىشانلار ئادەتتە خانىقا، سۈلۈك ياكى مازارلارنىڭ يېنىدا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئىناۋەتلىكلىرى چوڭ ئىشان ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ تاجىكلىرى ئارىسىدىكى ئىسمائىلىيەنىڭ دىنىي باشلىقى « مۇقئى» مۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئىسلام دىنىنىڭ سوپى مەزھىپىگە مەنسۇپ دىنىي ئۆلىما، تەرغىباتچى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
بۇ ئىسىم ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي ئەمەل نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولۇپ، مەنا جەھەتتىن <پىر، شەيخ> دېگەن سۆزلەرگە يېقىن كېلىدۇ. لېكىن پارسچە سۆز مەنىسى: ئاۋۇلار