Uyghur主要词典
ئىشارە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەرخىل ھەرىكەتلەر بىلەن بېشارەت بەرمەك، بىرەر ھەرىكەت بىلەن پۇرىتىپ قويماق، كۆرسەتمەك.
ئىما قىلسام ئۇقمايدۇ، ساراڭ چېلىش ئوخشايدۇ. ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز. ئىشارە بېرىلگەنگە دىققەت قىل، غاپىل قالما. ئۇ شۇ ئان تالا تەرەپنى شەرەت قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۆز، قاش، قول، باش ھەرىكىتى بىلەن بېرىلگەن بەلگە، ئىما؛ ئىشارەت.
ئىشارەت قىلماق.
رەيھان ماقۇللۇق ئىشارىسىنى بىلدۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
ئالامەت، بەلگە.
ماتېماتىكىلىق ئىشارە.