Uyghur主要词典
ئىشارەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆرسەتمەك؛ ئەمر، پەرمان؛ ئىشارەت، ئىما، بەلگە:
چىقىڭ تۆشۈكىدىن بىشارەت بۇدۇر،
ساڭا فەزلى ھەقدىن ئىشارەت بۇدۇر.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەرخىل ھەرىكەتلەر بىلەن بېشارەت بەرمەك، بىرەر ھەرىكەت بىلەن پۇرىتىپ قويماق، كۆرسەتمەك.
ئىما قىلسام ئۇقمايدۇ، ساراڭ چېلىش ئوخشايدۇ. ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز. ئىشارە بېرىلگەنگە دىققەت قىل، غاپىل قالما. ئۇ شۇ ئان تالا تەرەپنى شەرەت قىلدى.
پسىخولوگىيە
(«ئىشارە» مۇ دېيىلىدۇ)، باشقىلارغا مەنىلىك، ۋاسىتىلىك ئۇسۇل بىلەن ئۇلارنىڭ پسىخىكىسى ۋە ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئىشارەت دېيىلىدۇ. بۇنداق پسىخىك تەسىر كىشىنى بەلگىلىك ئۇسۇل بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈش، ياكى بەلگىلىك پىكىر ۋە ياكى ئېتىقادنى قوبۇل قىلدۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئىشارەت نۇتۇق شەكلىدە ياكى قول، مىمىكا ۋە باشقا بەلگىلەر ئارقىلىقمۇ يۈرگۈزىلىدۇ. ئىشارەت باشقىلار تەرىپىدىن بولۇشىمۇ ياكى ئۆزىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۆزىدىن بولغىنى «ئۆز - ئۆزىگە ئىشارەت» دېيىلىدۇ. كىشىنىڭ سەزگۈسى، ئىدرىكى، خاتىرىسى، خىيالىي، تەپەككۇرى، ھېسسىياتى، ئىرادىسى قاتارلىق جەھەتلىرىمۇ ئىشارەت تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بەزىدە دوختۇرلار كېسەلنى ئىشارەت بىلەنمۇ داۋالايدۇ. ياكى ئىشارەتنىڭ رولى بىلەن داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەقسەت، نىشان، غەرەزنى سۆزسىز، تىلسىز ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بەلگە؛ ئىما.
ئىشارەت قىلماق.
ئەقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز (ماقال).