Uyghur主要词典
ئىشانلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئسلام دىنىدا 9 - 8 - ئەسىرلەردە پەيدا بولۇپ، 12 - 11 - ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن تەرىقەتچىلىك، تەركىي دۇنيالىق ئېقىمى.
سوپىلىق - ئىشانلىق بىر ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ ئىسلام دىنىنىڭ بىر مەزھىپى، باشقا مەزھەپلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش لازىم. تەسەۋۋۇپ تەقدىرنىڭ تاماشىسىغا يول قويىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىدىكى باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشلىقى <ئىشان> دېيىلگەچكە شۇنداق ئاتالغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسەۋۋۇپچى قەنسبەندىيە پىرقىسىنى قۇرغان باھاۋۇدۇن نەقشبەندى (1318 - 1389) ۋاپات بولغاندىن كېيىن، <ھەزرىتى ئىشان> دەپ ھۆرمەتلەندى. ⅤⅩ ئەسىردىن بۇيان تەسەۋۋۇپچىلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايىتى زور تەرەققىي قىلدى. تەسەۋۋۇپچى بەزى دىنىي پىرقىلەرنى قۇرغۇچىلارنىڭ <كارامەت> لىرى ئاممىنى جەلپ قىلىدىغان كۈچ بولدى؛ ئەۋلىيا - ئەنبىيالارغا ۋە مازار - ماشايىخلارغا تىۋىنىش مۇراسىملىرى ئىنتايىن ئەۋج ئالدى، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى كۈندىن كۈنگە روشەن بولدى؛ پىرقە باشلىقلىرىنىڭ مەنىۋى داھىيلىق ئورنى بىلەن دىندىن خالىي بولۇشى مۇناسىۋەتكە ئىگە بولدى. نەقشبەندىيە پىرقىسى ئۈچىنچى ئەۋلاد ئىشان كالان خوجا ئەھرار (؟ - 1490) دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۈسەيىن پادىشاھ ئوردىسىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە دىنىي داھىي سۈپىتىدە قاتنىشىپ، ناھايىتى يۇقىرى ئىناۋەتكە ۋە نۇرغۇن يەر - زېمىن، بايلىققا ئىگە بولدى. بەشىنچى ئەۋلاد ئىشان كالان خوجا مەھدۇم ئەزەم (4611 - 1543)دەۋرىدە نەقىشبەندىيە پىرقىسىنى ئاساس قىلغان ئىشانلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىگىلىگەن دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئىجتىمائىي كۈچى بولۇپ قالدى. خوجا ئەھراردىن باشلاپ، بۇ پىرقە شەرقىي چاغاتاي خانلىقى بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، شىنجاڭدا دىنىي دەۋەت ئېلىپ بېرىشنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. 1533 - يىلىدىن باشلاپ مەھدۇم ئەزەم ئۆزى قەشقەر، يەكەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، دىننى تەرغىب قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئىشانلارنىڭ شىنجاڭدا تارقىلىشىغا ئاساس سالدى. مەھدۇم ئەزەم قازا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى دىنىي ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىشنى تالىشىپ پارچىلىنىش پەيدا قىلدى. كەنجى ئوغلى ئىسھاق (؟ - 1599) ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتۇپ <ئىسھاقىيە> دەپ ئاتالدى ھەمدە 8015 - يىلىنىڭ ئاخىرى شىنجاڭغا كېلىپ يەكەن خانلىقىدىكى مەھمۇد خاننىڭ قوللىشى بىلەن كۈچىنى كېڭەيتىپ، ئەسلىدىكى يەسەۋىيە پىرقىسى ۋە ئۇۋەيسىيە پىرقىسىنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ئىگىلىدى. چوڭ ئاكىسى ئىشان كالان ئىسھاقىيە بىلەن قارشىلاشتى. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىشان كالانچىلار دەپ ئاتالدى. ئەسلىي سۆز <ئىشانىيە> يەنى ئىشاننىڭ كۈچ دائىرىسى دېگەنلىك بولۇپ، <ئىشانلار> دەپ تەرجىمە قىلىندى. ئىشانلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا، سەمەرقەنت ۋە ئافغانىستانلارغا تارقالغان. ئىشان كالاننىڭ 4 - ئوغلى مۇھەممەد يۈسۈپ 1620 - يىلى قەشقەرگە كېلىپ دىنىي تەرغىبات ئېلىپ باردى. شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىككى سىستېمىدىكى خوجىلار ۋە ئۇلار رەھەرلىك قىلغان ئاق تاغلىقلار ۋە قارا تاغلىقلار ئوتتۇرىسىدا 300 يىل داۋاملاشقان دىنىي، سىياسىي كۈرەش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. قارا تاغلىقلار بىلەن ئاق تاغلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى يېقىنقى زامانغا كەلگەندە جىمقتۇرۇلدى. دەسلەپكى مەزگىلدىكى دىنىي پىرقە تۈگۈنى بوش بولغاچقا، كۈچى بار ئىشانلارنىڭ مۇستەقىل سوپىزملىق تارماق تەشكىللىرى شەكىللىنىپ، ئادەتتە ئىشانلار دېيىلدى. ئۇلار جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغا تارقالدى.
شىنجاڭدىكى ئىشانلار دىنىي ئەقىدە جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلدى. دىنىي ئىدىيە جەھەتتە تەسەۋۋۇپچىلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شىئە مەزھىپى ۋە ئۆز رايونىدىكى بەزى مىللىي ئەنئەنىلەر ئىچىدىكى دىنىي ئامىللارنىمۇ قوبۇل قىلدى. قەشقەردىكى خوجا جەمەتىدىكى ئىشانلار تەشكىلىي تەرىقەت جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نەقىشبەندىيە پىرقىسىنى مەنبە قىلدى. دىنىي ئەقىدە جەھەتتە <رىسالە ئەل تەۋھىد> نى ئاساس قىلدى. تارماقلىرىنىڭ ئىستىقامەت شەكلى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى. ⅤⅩ ئەسىردە شىنجاڭدىكى ئىشانلارنىڭ ئىنەيكىيە، ئىسھاقىيە، دەۋانىيە ۋە مىسكىيە قاتارلىق تۆت سۈلۈكى بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىنەيكىيە، مىسكىيەلەر خۇفىيەنىڭ ئىچىدە زىكر سېلىش شەكلىنى ساقلاپ قالدى. ئىسھاقىيە بولسا جەھرىيەچە ئۈنلۈك زىكر سېلىشنى قوللاندى. ئىشانلار شىئە مەزھىپى ئەمەل قىلىدىغان ئىمام ئەقىدىسىگە ۋە سەييىد سالاھىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھۈسەيىننىڭ ئىماملىق ئورنىنى ۋە رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، <ۋەلى> گە ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ھېيت - ئايەم جەھەتتە، ئىسلام دىنىنىڭ روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيىت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، شىئە مەزھىپىنىڭ ئاشۇرا بايرىمىغا ئەھمىيەت بەردى. ئىشان كالانچىلار قەشقەردىكى ھەزرەت مازىرىنى تاۋاپ قىلدى. ئۇلار بىلەن پۇت تېپىشىدىغان ئىسھاقىيە بولسا، يەكەندىكى چىلتەن خوجا مازىرىنى تاۋاپ قىلدى. تەشكىلىي جەھەتتە ئىشانلىق تەشكىلاتلىرىدا دەرۋىشلىك ۋە قەلەندەرلىك قىلىش قاتارلىق رىيازەت چېكىش پائالىيەتلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولدى. ئىشانلار مازارلاردا پائالىيەت قىلغاندىن باشقا، ئاساسلىقى خانىقالاردا پائالىيەت قىلدى. ھەر بىر تەشكىلنىڭ مۇقىم پائالىيەت ۋاقتى بەلگىلەنگەن. ىەلۋە ۋە زىكر سېلىش مۇراسىمى بولدى. بەزى ئىشانلار كوللېكتىپ زىكر سالغاندا دىنىي مۇزىكا ۋە ئۇسۇللارنى قوشتى. بەزى ئىشان تەشكىلاتلىرى ئىشانلار ئەمەل قىلىدىغان پرىنسىپ، ئەمرىمەرۇپلارنى بەلگىلىدى. مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ھوقۇقلۇق تالىب قوبۇل قىلىنغانلارغا ئىسپاتنامە (<ئىرشاتنامە>) تارقىتىپ بەردى. ئىشانلار ئىستىقامەت دەرىجىسىگە قاراپ، ئوخشىمىغان دەرىجىلەرگە ئايرىلىدۇ. ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى قۇتب (ئالەمنىڭ مەركىزى) بولۇپ، بۇ دەرىجىگە دىنىي باشلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى ئىگە بولالايدۇ. ئىشانلارنىڭ دىنىي مەرتىۋە تەرتىپى: ئىشان (باشلىق ۋە ئۇستاز)، شەيخ (بۇرۇن ئورنى ئىشاننىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىدى، كېيىن كۆپىنچىسى مازارلادىكى باشقۇرۇغۇچىلار بولدى)، خەلىپە (ئىشاننىڭ ياردەمچىسى ياكى ۋەكىلى)، سوپى (ئىستىقامەت قىلىۋاتقان شاگىرت)، ھاپىز (دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە قىرائەت قىلىدىغان شاگىرت)، بۈۋى (قۇرئان قىرائەت قىلىدىغان ئايال شاگىرت)، مۇرىد (ئادەتتىكى مۇرىدلار) دىن ئىبارەت بولىدۇ. ئىشان ۋە شەيخلىق ئورنىدا ئادەتتە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئىشانلارنىڭ باشلىقلىرى ئۆزلىرىدىن پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى (سەئىدلەر ياكى خوجىلار) دەپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولغان ھەمدە كەلگۈسىنى پەرەز قىلىش ۋە بەزى <مۆجىزە> لەرنى كۆرسىتىش بىلەن كىشىلەرنى جەلپ قىلغان.
شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنى تارىخىدا ئىشانلار سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولۇپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن خاراكتېرىدىكى تۈزۈم شەكىللەنگەن. 16 - 17 ئەسىرلەردە ئىشانلارنىڭ باشلىقلىرى بىلەن شەرقىي چاغاتاي ئەۋلادلىرى خانلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئىتتىپاق تۈزۈپ، خانلىقلار ئىشانلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىدى. ئۇلار ئىشانلارنىڭ باشلىقلىرىغا ۋە خانىقالارغا نۇرغۇن ۋەخپە يەرلەرنى بەردى، باجنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى ۋە قاشتېشى سىپتىلاش ۋە ئېچىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلدى. خوجا ۋە ئىشان جەمەتىدىكىلەر نۇرغۇن بايلىق توپلاپ، خوجىلارنىڭ فېئودال قورۇق ئىگىلىكىنى شەكىللەندۈردى. ئىشانلارنىڭ باشلىقلىرى مۇھىم دائىرىنى ئىگىلىدى (ئاق تاغلىقلار قەشقەرنى، قارا تاغلىقلار يەكەننى مەركەز قىلدى)، 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىشانلار دىنىي ھوقۇقنى تالىشىش ۋە دىن تەرغىپ قىلىدىغان رايوننى كېڭەيتىش ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، جەمئىيەتكە پاراكەندىچىلىك سالدى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يەكەن خانلىقىنى تەۋرىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭغار ئاق سۆڭەكلىرىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە سەۋەبچى بولدى. شىنجاڭ تارىخىدىكى فېئودال خوجىلارنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىق دەۋرى (1682 - 1759) يەنە شەكىللەندى. ئىشانلارنىڭ باشلىقلىرى قوراللىق ھەربىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، ھاكىمبەگنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەلدارلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، شىنجاڭ مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى كونترول قىلدى. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خېلى ئۇزۇنغىچە ئىشان، خوجىلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقان ئاقسۆڭەك ھەربىي كۈچلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى.
ئىشانلار شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز ۋە خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ، خېلى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. شىنجاڭدىكى ئىشانلارنىڭ داھىيىسى ئاپاق خوجا گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ دىننى تەرغىپ قىلىپ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تەسەۋۋۇپچى سۈلۈكلەرنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرىدىن بىرى بولدى. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئىچىدە نەقىشبەندىيەنى ئاساس قىلغان ئىشانلار تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن ئوخشىمىغان دەۋرلەردە كىرگەن خۇفىيە، قادىرىيە، جەھرىيە، چېشتىيە، سۇھرەۋەردىيە، ئىمام رەببانى قاتارلىق تارماق مەزھەپلەر نۇرغۇن مۇرىدلارغا ئىگە بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىشان ۋە پىرلارنىڭ ئورۇن مەرتىۋىسى ۋە ئىشى.
ئىشانلىق قىلماق.