Uyghur主要词典
ئېپوس
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
گرېكچەepos - رىۋايەت، ھېكايە، قوشۇق سۆزىدىن
(1) بەدئىي ئەدەبياتنىڭ لىرىكا ۋە دىراممىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان تەرىزدىكى يەنە بىر تۈرى. ۋەقەلەرنى كەڭ ھېكايە قىلىشقا ئاساسلانغان ئەدەبىي ئەسەرلەر گۇرۇپىسى ئېپىك تۈر ياكى ئېپوس دەپ ئاتىلىدۇ.
(2) خەلق ئاغزاكى ئىجادىيىتىدە قەھرىمانلىق ۋە قەھىرىمانلار ھەققىدە داستانلار مەجمۇئەسى. مەسىلەن: «ئۇغۇزنامە»ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئېتنىك، تارىخى ئەھۋالىنى ۋە قەھرىمانلىق خۇسۇسىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى ئېپوس ھېسابلىنىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەزمە ياكى نەسىر بىلەن يېزىلغان ھېكايە، قىسسە، رىۋايەت.
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا نۇرغۇن داستانلار بار. « ئوغۇزنامە » داستانى ئەڭ قەدىمكى داستانىمىزدۇر. قىرغىز خەلقىنىڭ « ماناس » ئېپوسى ناھايىتى چوڭ ھەجىملىك بولۇپ، دۇنيا بويىچە زور قەدىمىي ئېپوسلارنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
روسچە<گرېكچە
بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ لىرىكا ۋە درامىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان يەنە بىر تۈرى، يەنى ۋەقەلەرنى كەڭ ھېكايە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر مەجمۇئەسى.
خەلق ئاغزاكى ئىجادىيىتىدە قەھرىمانلىق ۋە قەھرىمانلار ھەققىدىكى داستانلار مەجمۇئەسى. مەسىلەن، >ئوغۇزنامە< ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئېتنىك، تارىخىي ئەھۋالىنى ۋە قەھرىمانلىق خۇسۇسىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى ئېپوس ھېسابلىنىدۇ.