Uyghur主要词典
ئېبېرت
دۇنيا تارىخى
(1871 - 1925) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭ قانات داھىيىسى، ۋېيما جۇمھۇرىيتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى (1919 - 1925). ھىيدېل بېرگدە تىككۈچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1891 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1912 - يىلى ئېمپېرىيە پارلامېنتىغا سايلانغان. 1913 - يىلى بېبىلنىڭ ئورنىغا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى قوللىغان. 1918 - يىلى 11 - ئايدا شاھزادە بادېننىڭ ئىزىنى بېسىپ ئىمپېرىيىنىڭ ۋەزىرلىكىنى ئۈستىگەئالغان. 1912 - يىلى 2 - ئايدا ۋېيما جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرىدە، دۆلەت ئىچىگە قارىتا باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى ۋە ھامبۇرگ ئىشچىلار قوزغىلڭىنى باستۇرغان، سىرتقا قارىتا <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> ۋە <داۋېس پىلانى>نى قوبۇل قىلغان.