Uyghur主要词典
ئېئۇلېر كېلپىن
دۇنيا تارىخى
(1873 - 1964) شۋېتسىيىلىك بىئو - خىمىڭ. گېرمانىيەنىڭ ئاۋگسبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدە ئوقۇغان. رەسىم سىزىشنىمۇ ئۆگەنگەن. 1898 - يىلىدىن باشلاپ ستوكلھولم داشۆسىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، 1906 - يىلىدىن باشلاپ بۇ داشۆنىڭ خىمىيە پروفېسسورى بولغان. قەنتنىڭ ئېچىشى ۋە فېرمېنتلارنىڭ رولى ۋە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، 1929 - يىلى ئەنگلىيەلىك ھاردېن (1865 - 1940) بىلەن بىرلىكتە، نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.