Uyghur主要词典
ئېببىنگخائۇس
پسىخولوگىيە
بۇ گىرمانىيىلىك پسىخولوگ. ئۇ بىرىنچى بولۇپ تەجرىبە ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئادەمنىڭ ئالىي دەرىجىلىك پسىخىك پائالىيىتى - ئۆگىنىشى بىلەن خاتىرىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئوبيېكتىپلىققا ئىگە، ھەمدە ئۇ تەتقىقاتنى سانلىق نەتىجە بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئېكىسپېرمىنتال پسىخولوگىيىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى. يېڭى ئېكىسپېرمىنتال تەجرىبە ئارقىلىق تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنى ياراتتى. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ئېكىسپېرمىنتال تەجرىبە ئۇسۇلى ھازىرغىچە پسىخولوگىيىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا. ئۇ 1850 - يىلى بونىن شەھىرىگە يېقىن بىر جايدا تۇغۇلغان. بونىن بىلەن بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدە ئوقۇغان. كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيلەرگە بېرىپ ئۇقۇغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە ئاسسوتسىئاتسىيىچى پسىخولوگىيىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. دەل شۇ چاغدا پارىژدىكى كونا كىتابخانىدىن فېچنېرنىڭ «پسىخو - فىزىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى» دېگەن كىتابنى سېتىۋېلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، تەجرىبە ئۇسۇلى ئارقىلىق خاتىرىدىكى مۇرەككەپ ئاسسوتسىئاتسىيە مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا بەل باغلايدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقاتىغا ھەمكارلىشىدىغان كىشى ۋە تەجرىبىخانا بولمىغان شارائىت ئاستىدا، ئۆزى ئۈستىدە بىر قانچە يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ ئاسسوتسىئاتسىيە جەريانىنىڭ شەكىللىنىشىنى توغرا تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، مەنىسىز بوغۇمدىن ئىبارەت ئەھمىيەتلىك تەجرىبە ماتېرىياللىرىنى ئىجاد قىلغان. يەنە خاتىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈرلۈك ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلغان. مەسىلەن: «ۋاقىتنى تېجەش ئۇسۇلى»، «يىغىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى» «توپلاپ ئۆگىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ»، «ۋاقىت ئارىلاپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى» قاتارلىقلار. ئۇ يەنە «ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقى» نى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى «خاتىرە توغرىسىدا» دېگەن كىتابىدا ئېلان قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا، ئۇنىڭ ئەقلىي قابىلىيەتنى سىناش، كۆرۈش سەزگۈسى مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ تۆھپىلىرى بار. شۇنداقلا ئۇ تۈزگەن «پسىخولوگىيە پرىنسىپلىرى»، «پسىخولوگىيىدىن ئومۇمىي مەلۇمات» قاتارلىق ئىككى دەرسلىك كىتابمۇ بار. لېكىن ئۇ پسىخولوگىيىدە رەسمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ پسىخولوگىيىگە كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ.