Uyghur主要词典
ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى
بىئولوگىيە
قىسقارتىپ <ئېپىتېلىيە> دېيىلىدۇ، بىر قەۋەت ياكى كۆپ قەۋەت زىچ جايلاشقان. ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ۋە ئاز مىقداردىكى ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىسىدىن تەركىب تاپقان. ئادەتتە ھايۋاننىڭ سىرتقى يۈزى ياكى بەدەن ئىچىدىكى ھەر خىل نەيچە - قانال، بوشلۇق ۋە خالتىسىمان ئورگانلارنىڭ ئىچكى قەۋىتىگە تارقالغان. ھايۋان تېنى بىلەن تاشقى مۇھىتنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى، مېتابولىزمى ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئېپىتېلىيە توقۇلمىسىدا ئىنتايىن نېپىز بىر قەۋەت ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىسى ئاساسىي پەردىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى تەرىپىدىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىدىن ئايرىپ تۇرىدۇ. بەزى ئېپىتېلىيە توقۇلمىلىرى تۆۋەنگە بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىغا چۆكۈپ ئاجرىتىش رولىغا ئىگە بولغان <بەزى ئېپىتېلىيىسى> نى شەكىللەندۈرگەن. تەر (سۇيۇقلۇقى)، سۈت، ھەزىم قىلىش ئېنىزمى ھەمدە ھەر خىل گورمون قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەز ئېپىتېلىيىسىنىڭ ئاجرالمىلىرى ھېسابلىنىدۇ.