Uyghur主要词典
ئوزۇقلۇق
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سەگەكلىك، ئىشتا ھۇشيارلىق.
1 - 203
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئوزۇقى بار، ئوزۇققا ئىگە، ئوزۇق بىلەن تەمىنلەنگەن.
ئوزۇقلۇق ئات ھارماس (ماقال).
سۈپ. ئوزۇق بولۇش قىممىتىگە ئىگە. ئوزۇق بولىدىغان.
ئوزۇقلۇق ماتېرىياللىرىنىڭ بار بولۇشى بىلەنلا، ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مەسىلىسى ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ.
سۈپ. مەخسۇس ئوزۇق قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان، يېيىش - ئىچىشكە ئاتالغان.
سېلىم تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى ئوزۇقلۇق ئاشلىقنى كۆتەك ھارۋىغا بېسىپ مەھەللىدىن چىقىپ كەتتى.
سۈپ. كۆچمە. مەخسۇس ئوزۇق بولىدىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلىدىغان.
ئاممىنىڭ رايىدىن قارىغاندا، ئوزۇقلۇق ئېتىزى بېرىش ئۇلارنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئايلانغاندەك قىلاتتى.
ئى. ئوزۇق بولىدىغان، يېگىلى بولىدىغان نەرسە، ئومۇمەن يېيىش، ئىچىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نەرسىلەر.
ئۇ بۆز توقۇيدىغان ئۈچ تال موكىسىنى خورجۇنغا سېلىپ، ئازراق ئوزۇقلۇق ئېلىپ، جاڭگالغا قاراپ مېڭىپتۇ.