Uyghur主要词典
ئوزۇقلۇق زەنجىرى
بىئولوگىيە
ئوزۇقلىنىش زەنجىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جانلىقلار تۈركۈمىدىكى ھەر خىل ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوزۇقلىنىش مۇناسىۋىتىدىن شەكىللەنگەن ئورگانىك ئوزۇقلۇقلار ئايلىندىغان ئوزۇقلۇق زەنجىرى. يەنى ئوزۇقلۇقتىكى ئېنېرگىيە ئۆسۈملۈكلەردىن باشلىنىپ بىر قاتار ھايۋانلاردىن رەت بويىچە ئۆتىدىغان جەريان، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئوزۇقلۇق ياسىغۇچى بولۇپ، ئۇ بارلىق ھايۋانلار ئوزۇقلۇقىنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك كېلىش مەنبەسى. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز ئارقىلىق قۇياش ئېنېرگىيىسىنى ئوزۇقلۇقتىكى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئوتخور ھايۋانلار ئۆسۈملۈكلەرنى يېيىش ئارقىلىق ئېنېرگىيىگە ئىگە بولىدۇ، ئارىلاش ئوزۇقلىنىدىغان ياكى گۆشخور ھايۋانلار ئوتخور ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەپ ئېنېرگىيىگە ئىگە بولىدۇ، چوڭ تىپتىكى گۆشخور يىرتقۇچ قۇشلار كىچىك تىپتىكى گۆشخور ياكى ئارىلاش ئوزۇقلىنىدىغان ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر خىل ئوزۇقلىنىش زەنجىرى مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇم، ئېنېرگىيىمۇ مۇشۇ خىل شەكىلدە تۆۋەنگە قاراپ ئاقىدۇ. مەسىلەن، يوپۇرماق پىتى ئۆسۈملۈكنى يەيدۇ. خانقىز يوپۇرماق پىتىنى يەيدۇ، قۇشقاچ خانقىزنى يەيدۇ، لاچىن قۇشقاچنى يەيدۇ. مانا بۇ بىر خىل ئوزۇقلۇق زەنجىرى. بىر ئوزۇقلۇق زەنجىرىدە ئادەتتە ئۈچ - بەش ھالقا بولىدۇ، ھەر بىر ھالقىدىكى ئۆزگىرىش پۈتۈن ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل جانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوزۇقلىنىش مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، دائىم گىرەلىشىپ تور شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا ئوزۇقلىنىش زەنجىرى ئوزۇقلىنىش تورى (food web) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، شاشارات، چاشقان ۋە توشقانلار قارا ئارچىنىڭ ئۇرۇقى ۋە ھەر خىل ئوتلارنى يەيدۇ، ئۇلارنى يەنە سۈلەيسۇن، بۆرە ۋە تۈلكە يەيدۇ.