Uyghur主要词典
ئوزۇقلۇق ئېلېمېنت كەملىك كېسىلى
领域: بىئولوگىيەبىر خىل ياكى بىر قانچە خىل زۆرۈر ئېلېمېنت ئۆسۈملۈكنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاندا، ئۆسۈملۈك نورمال ئۆسۈپ يېتىلەلمەيدۇ ھەمدە سىرتقى كۆرۈنۈشىدە ئالاھىدىلەشكەن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ھادىسە ئوزۇقلۇق ئېلېمنېت يېتىشمەسلىك كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالامەتلىرى سارغىيىش (خلورىز كېسەللىكى)، سىئانىن ھاسىل بولۇپ توسقۇنلققا ئۇچراش، نېكروزلىنىش، پاكار بولۇپ قېلىش؛ سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى ئىنچىكە بولۇش ۋە ياغاچلىشىش، كۆپىيىش ۋە يېتىلىش ئىنتايىن ناچار بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار يېتىشمەسلىك كېسەللىكى مەلۇم خىل زۆرۈر ئېلېمېنت كەملىكتىن بولىدىغان مېتابولىزم قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ ھاللاردا شۇ خىل ئېلېمېنتنى قوشۇش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ مېتابولىزمىنى تەڭشەپ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ياخشىلىغىلى، ئېلېمېنت يېتىشمەسلىك كېسىلىنى يەڭگىللەتكىلى ياكى يوقاتقىلى بولىدۇ. بۇ زىرائەتلەرگە دىئاگنور قويۇش ۋە مايسىغا قاراپ ئوغۇت بېرىشنىڭ دەلىللىرىنىڭ بىرى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。