Uyghur主要词典
ئوزۇقلانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تاماق يېمەك، قورساق تويغۇزماق.
مېھمانلار ھېرىپ كەتكەندۇ، ئوبدان ئوزۇقلىنىپ ئارام ئالسۇن.
ئۆسۈملۈك ۋە شۇ قاتارلىقلار ئۆسۈشى، يۈكسىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىلەرگە ئىگە بولماق، زۆرۈر ھاياتلىق مەنبەلىرىگە ئېرىشمەك.
- ئەنە قاراڭ، بۇ سۇدىن ئوزۇقلانغان قاپاق تېرەكلەرمۇ ئاسمان پەلەك ئۆسۈپ كەتتى.
ئىلھاملانماق، كۈچلەنمەك، غەيرەتلەنمەك، كۈچ - قۇۋۋەت ئالماق.
بىز مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىگە شۇڭغۇپ كىرىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىپ، يېڭى - يېڭى تېمىلاردا ھەم كۆپ، ھەم ئېسىل ئەسەرلەرنى يارىتايلى!