Uyghur主要词典
ئۆرۈلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئۆرۈمەك Ⅰ> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
چاچ ئۆرۈلمەك. قامچا ئۆرۈلمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئۆرۈمەك Ⅱ> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
تام ئۆرۈلمەك. ھارۋا ئۆرۈلمەك. ئۆي ئۆرۈلمەك.
<ئۆرۈمەك> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
ئۇ يەنە نېمىلەرنىدۇر غۇدۇڭشىغاندەك لەۋلىرىنى قىمىرلاتقىنىچە ئارقىسىغا ئۆرۈلدى.
ئاغدۇرۇلماق، بىر قىسما بولۇپ قالماق.
غەزەپلەنگەنلىكىدىن پاششاپ بېگىنىڭ كۆزلىرى ئۆرۈلۈپ، قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ كېتىپتۇ.
باشلانماق (يىل ھەققىدە).
مانا يەنە يىل ئۆرۈلدى، قارلار ئېرىپ، مەجنۇن تاللار باھاردىن دېرەك بېرىپ نوتا سۈردى.
ئايلانماق، ئۆزگەرمەك.
گۈلەمخاننىڭ قوش پۆپۈكى يەرگە سۆرەلدى، يۈرەكتىكى سېرىق سۇلار، قانغا ئۆرۈلدى.