Uyghur主要词典
ئۆرۈك
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈرۈك.
ئۆرۈك ساچ _ ئۆرۈك (ئۆرۈمە) چاچ
1 - 94
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، ئۆرۈككە ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى
كەڭ، تۇخۇم شەكىللىك، گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، ئاق ياكى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك، مېۋىسى ئۈچكىلىك دۈگىلەك، پىشقاندا سارغىيىدۇ، تەمى
تاتلىق.
دورىغا بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى ۋە مېغىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ ئۈچكىسىنى
چېقىپ مېغىزىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
توسالغۇلارنى ئېچىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، سەپرانى سۈرۈش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆرۈكنىڭ ئوبدان پىشقان، تاتلىق مېۋىسىنى مۇۋاپىق ھالدا ئىستېمال قىلسا، تەبىئەتنى (ئىچىنى) يۇمشىتىدۇ.
ئۆرۈكنىڭ قۇرۇقىنى قاينىتىپ ياكى قايناق سۇغا چىلاپ ئىچىپ بەرسە، تەبىئىتىنى يۇمشىتىپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، قان ۋە سەپرانى
پەسەيتىدۇ.
ئۆرۈكنىڭ يېڭى پىشقىنىنى ئىستېمال قىلىپ، ئۈستىدىن قايناق سۇ، ھەسەل ئىچىپ قەي قىلسا، سەپرا خاراكتېرلىك تەپ كېسىلىگە
مەنپەئەت قىلىپ، ئاشقازاندىكى زەھەرلىك بۇزۇق خىلىتلارنى تازىلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى كەڭ، تۇخۇم شەكىللىك، گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، ئاق ياك شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك، ئۈچكىلىك مېۋىسى دۈگىلەك، پىشقاندا سارغىيىدۇ، تەمى تاتلىق.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.