ئۆرۈمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆرە، تىك ھالەتتىكى نەرسىنى يىقىتماق، غۇلاتماق:[مىسال:] تامنى ئۆرۈمەك. ئۆينى ئۆرۈمەك. دەرەخنى ئۆرۈمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر گۇرۇھ ياكى ھاكىمىيەتنى ھالاك قىلماق، تەختىدىن چۈشۈرمەك، ئاغدۇرماق:[مىسال:] كونا ھاكىمىيەتنى ئۆرۈمەك.[يەشمىسى:] ③ بىرەر نەرسىنىڭ ئاستى تەرىپىنى ئۈستىگە، ئۈستى تەرىپىنى ئاستىغا توغرىلاپ قويماق:[مىسال:] يەرنى ئۆرۈمەك. * ئالدىرىما، ماينىڭ تەڭدىن تولىسى مانا بۇ ياقتا، دەپ چىنىنى ئۆرۈپتىكەن، چىنىنىڭ كەەەرسىنىڭ ئىچىنى تېشىغا، ئوڭىنى تەتۈرىگە ياكى تەتۈرنى ئوڭغا، ئارقىسىنى ئالدىغا، ئالدىنى كەينىگە قىلماق:[مىسال:] خالتىنى ئۆرۈمەك. يوتقاننىڭ كىرلىكىنى ئۆرۈمەك. چاپاننىڭ ئىچىنى ئۆرۈمەك.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەرجىمە قىلماق، ئاغدۇرماق:[مىسال:] خەنزۇچىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈمەك.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەبىر بەرمەك، بايان قىلماق، چۈشەندۈرمەك:[مىسال:] رابى ۋىت-ۋىت كېچە كۆرگەن چۈشىنى ئۇنىڭغا ئۆرۈپ بەردى.[يەشمىسى:] ⑦ بۇرىماق، ئۆزگەرتمەك:[مىسال:] ئىشىنى يامىنىغا ئۆرۈمەك.