ئۆرۈمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تال-تال نەرسىلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن بىر قىلىپ توقۇماق:[مىسال:] قامچا ئۆرۈمەك. * چاچ ئۆرۈمەك.[يەشمىسى:] ② پۇل ياكى باشقا بىرنەرسىنى بىرەر مەقسەتتە كىشى بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ نىشان قىلغان ئادەمگە بەرمەك:[مىسال:] ئۇ داستىخاندىن بىرناننى ئېلىپ بالىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ ماڭا بەردى.