ئۆرۈمⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېلىنى، تالاسىنى ياكى بىرنەچچە تۇتامىنى بىرگە قوشۇپ ئۆرۈلگەن ھەربىر بۆلىكى؛ ئۆرۈپ تەييارلانغان نەرسە ۋە شۇ نەرسىنىڭ ئۆرۈلگەن ھالىتى:[مىسال:] قىزنىڭ چاچلىرى ئۇزۇن، ئۆرۈمىلىرى يوغانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئۆرۈلگەن، ئۆرۈپ توقۇلغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر ئۆرۈم سامساق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە، توي-تۆكۈن مەشرەپلەردە ئۇسسۇل ئوينىغان كىشىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ سازەندىلەرگە ياكى چۈشى بۇزۇلۇپ قالغان، كۆڭلىگە بىرەر ۋەھىمە كەلگەندە ئۆزىنىڭ، بالا-چاقىلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ كەمبەغەل، ئاجىز-ئورۇقلارغا بېرىدىغان نەرسە:[مىسال:] − قىزنىڭ بېشىدىن ئوبدانراق بىرنېمىنى ئۆرۈم قىلىپ سەدىقە قىلىۋېتەيلى، − دېدى ئۇ ئايال.