Uyghur主要词典
ئېنكرۇما
دۇنيا تارىخى
(1909 - 1972) گانا رۇڭتۇڭى (1960 - 1966). زەرگەر ئائىلىسدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1935 - يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لىنكولىن داشۆسى، پېنسىلۋانىيە داشۆسىدە ئوقۇغان. ئامېرىكىدا تۇرغان مەزگىلدە ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان، <ئامېرىكا ۋە گانادىكى ئافرىقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى> نىڭ رەئىسى بولغان. 1945 - يىلى ئەنگلىيەگە بېرىپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇغان ھەمدە 5 - نۆۋەتلىك پان ئافرىقا يىغىنى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ كاتىپى بولغان. 1947 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقان، ئىككىنچى يىلى ئالتۇن قىرغاق بىرلەشكەن كونگېرىسى پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1949 - يىلى خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيىسىنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە <دەرھال ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش> نى ئوتتۇرغا قويغان. 1950 - يىلى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1951 - يىلى خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيىسى سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئالتۇن قىرغاق ھۆكۈمەت ئىشلىرى رەھبىرى بولغان، ياندۇرقى يىلى زۇڭلى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1957 - يىلى گانا مۇستەقىللىك ئېلان قىلغاندا، زۇڭلى بولغان. 1960 - يىلى گانا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، تۇنجى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ھەمدە قوشۇمچە زۇڭلى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە سىرتقا قارىتا تىنچ بىتەرەپلىك سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان، جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرغان، ئافرىقىدىكى مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى قوللىغان؛ ئىچكى جەھەتتە مىللىي سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، چەت ئەل كاپىتالىغا بولغان بېقىندىلىقنى يوقاتقان. 1966 - يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن گۋىنىيىدە تۇرغان. 1972 - يىلى بۇخارېستتا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ <مۇستەملىكىلەر ئەركىنلىكىگە قاراپ ماڭايلى>، <ئافرىقا بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك>، <تۇغما بىلىمچىلىك>، <ئافرىقىدىكى سىنىپىي كۈرەش>، <ئىنقىلاب يولى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.