Uyghur主要词典
ئېنزىملارنىڭ ئۆزگەرتكەن سانى
领域: بىئولوگىيە1 مول ئېنزىمنىڭ 1 مىنۇت ئىچىدە ئۆزگەرتكەن ئاساسىي ماددىسىنىڭ مول سانى، لېكىن ئۆزگەتكەن سانى پەقەت مولېكۇلا ئېغىرلىقى مەلۇم بولغان ئېنزىملار ئېنىقلىنىدۇ. مولېكۇلا ئېغىرلىقى نامەلۇم بولغان ئېنزىملارنىڭكىنى پەقەت مۆلچەرلەش مۇمكىن، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا ئېنىقلانغان ئۆزگەرتكەن سانى ئانچە توغرا بولمايدۇ. ئۆزگەرتكەن سانى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئېنزىم ئادەم قېنىدىكى كاربونات كىسلاتا ئانگېدرىدازا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگەرتكەن سانى 91 مىليون، بەش بىر مول كاربونات كىسلاتا ئانگېدرىدازا مولېكۇلىسى 1 مىنۇت ئىچىدە 19 مىليون مول كاربونات كىسلاتا ئانگېدرىدىنى CO2 ۋە H2O ا ئايلاندۇرىدۇ، بەدەندە بۇ ئېنزىمنىڭ ئۆزگەرتكەن سانى مۇشۇنداق يۇقىرى بولغاندىلا ئاندىن قاندىكى بۇففېرلاش ئىقتىدارىغا ماسلىشالايدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。