Uyghur主要词典
ئېنزىم
مولېكۇلا بىلىملىرى
يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى، ئاقسىللارنىڭ بىئولوگىيىلىك سىنتېزلىنىشى، بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيىلەرنىڭ كونترول قىلىنىشى ۋە پايدىلىنىشى، شۇنىڭدەك ھاياتلىقنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىدىكى خىمىيىۋى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېنزىم قاتنىشىدىغان بولغاچقا، ئېنزىم ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ كاتالىزاتورى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئېنزىم بولمىسا جانلىقلارنىڭ مېتابولىزمى تورمۇزلىنىپ قالىدۇ، ھەتتا ھاياتلىق توختايدۇ.
ئېنزىم ئاقسىلنىڭ بىر خىلى بولغاچقا، ئۇ ئاقسىللارغا ئوخشاش كۆپىنچە شارسىمان كېلىدۇ. يېڭىلا سىنتېزلىنىپ چىققان ئېنزىمدا ئادەتتە ئاكتىپلىق بولمايدۇ، شۇڭا بۇ خىل ئېنزىم زىموگېن (فېرمېنوگېن) دەپ ئاتىلىدۇ. خىمىيىۋى رېئاكسىيىدىن بۇرۇن، زىموگېننىڭ تۈزۈلۈشىدە »ئاكتىۋاتور (ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا)« دەپ ئاتىلىدىغان بەزى ماددىنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، بىر ئاكتىپ مەركەز ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىل ئاكتىپ مەركەزدە بولسا قوشۇۋالغۇچى ئورۇن بىلەن كاتالىزلىغۇچى ئورۇن بولىدۇ. رېئاكسىيە ۋاقتىدا قوشۇۋالغۇچى ئورۇن رېئاكسىيىگە قاتناشقان ماددىلارنى »تۇتۇۋالىدۇ« - دە، نەتىجىدە ئۇلار كاتالىزلىغۇچى ئورۇندا تەسىرلىشىپ رېئاكسىيىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ.
جانلىقلار تېنىدە ئېنزىملارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ فۇنكسىيىلىرى ئوخشاشمايدىغان، شۇنىڭدەك يۈكسەك دەرىجىدە خاسلىققا ئىگە بولغاچقا، بىر خىل ئېنزىم پەقەت بىرلا خىل رېئاكسىيىدە رول ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن، كراخمال ئېنزىمى (ئامىلازا) پەقەت كراخمالنىلا كاتالىزلاپ گلۇكوزىغا ئايلاندۇرالايدۇ. ئېنزمنىڭ كاتالىزلاش رولى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بىر دانە ئېنزىم مولېكۇلىسى بىر سېكۇنت ئىچىدە رېئاكسىيىلەشكۈچى ماددىلارنىڭ نۇرغۇن مولېكۇلىسىنى كاتالىزلىيالايدۇ. ئېنزىم ئۆزى رېئاكسىيە جەريانىدا رېئاكسىيىلەشكۈچى ماددىلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن، شەكىل جەھەتتە بىر قاتار »ئۆزگىرىش«لەرنى پەيدا قىلىپ، بىر - بىرى بىلەن خۇددى ئاچقۇچ بىلەن قۇلۇپتەك ئۈنسىز ماسلىشىدۇ، لېكىن رېئاكسىيە تاماملانغاندىن كېيىن يەنە ئەسلىدىكى قىياپىتىگە قايتىپ رېئاكسىيىگە يېڭىۋاشتىن قاتنىشىدۇ. نۇرغۇن خىمىيىۋى ئامىللار، مەسىلەن، كۈچلۈك كىسلاتا، كۈچلۈك ئىشقار، يۇقىرى تېمپېراتۇرا قاتارلىقلار ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كاتالىز جەريانىغا كاشىلا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېنزىم قاتناشقان رېئاكسىيە ئۈچۈن مۇۋاپىق شەرت بولۇشى لازىم.
ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى (پېپسىن) ئاشقازاندىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان بىر خىل ئېنزىم بولۇپ، ئاشقازانغا كىرگەن يېمەكلىكەرنى كاتالىزلاپ رېئاكسىيىلەشتۈرۈپ، يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىل چوڭ مولېكۇلىلىرىنى جانلىقلار تېنى سۈمۈرەلەيدىغان كىچىك مولېكۇلىلىق ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى زىموگېنى ئەسلىدە392 دانە ئامىنۇ كىسلاتادىن تەركىب تاپقان ئاقسىل بولۇپ، ئۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەسىرىدە42 دانە ئامىنو كىسلاتانى يوقىتىپ، تۈزۈلۈشىنى ئۆزگەرتىپ، ئاكتىپلىققا ئىگە ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمىغا ئايلىنىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ پارچىلىنىش رېئاكسىيىلىرىنى كاتالىزلايدۇ. ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمىنى سۈنئىي ئايرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئېرىمچىك ياساشتا كالا سۈتىنى ئۇيۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۈت ئۇيۇتقۇچى ئېنزىم (رېنىن) نىڭ يىرىك مەھسۇلاتىدا ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى بولىدۇ. ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمىدىن يەنە ئىچىملىك ۋە تەم تەڭشىگۈچ يېمەكلىكلەرنى ياساشقىمۇ بولىدۇ، شۇڭا ئۇ بىر خىل مۇھىم يېمەكلىكلەر خۇرۇچى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىر كىشىلەر ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزملار توقۇلمىلىرىدىن ئاكتىپلىققا ئىگە بەزى ئېنزىملارنى ئايرىپ ئالالايدىغان بولدى. ھازىر ئېنىقلىنىپ چىققان بۇ تۈردىكى ئېنزىملاردىن بىرنەچچە مىڭ خىلى بولۇپ، ئۇلاردىن پەقەت100 نەچچە خىلىلا تاۋار قىلىپ ياسىلىپ بازارلاردا سېتىلماقتا.
بىئولوگىيە
تىرىك ھۈجەيرىلىرىدە ھاسىل بولىدىغان ئۈنۈمى يۇقىرى ۋە مەخسۇس كاتالىزلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ ئچىكى ئامىللىرىنى تەڭشەيدىغان ئالاھىدە ئاقسىل. بۇ خىل كاتالىزلاش ئىقتىدارى يەنى ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىدۇر. جانلىقلار تېنىدىكى خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەر پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئېنزىملارنىڭ كاتالىزاتورلۇقىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئانئورگانىك كاتالىزاتورلارغا ئوخشاش ئېنزىم رېئاكسىيىسىنى پەقەت ئەركىن ئېنېرگىيىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ يۈرگۈزۈپ، مۇۋازىنەتلىشىشكە كېرەك بولىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتىشى مۇمكىن ئەمما مۇۋازىنەت كونستانتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. رېئاكسىيىنىڭ ئاكتىۋاتسىيە ئېنېرگىيىسى (<ئاكتىۋاتسىيە ئېنېرگىيىسى> گە قاراڭ) نى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق رېئاكسىيە تېزلىكىنى ئاشۇرىدۇ. ئانئورگانىك كاتالىزاتورلار بىلەن ئوخشىماسلىقى شۇكى، ئېنزىملارنىڭ ئاساسىي ماددىغا نىسبەتەن تەسىر قىلىشى مەخسۇسلۇققا ئىگە، كاتالىزلاش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقلىقى (مولېكۇلىلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ كاتالىزلاش تېزلىكى ئانئورگانىك كاتالىزاتورلاردىن 10 7 - 10 13 تېز بولىدۇ)، ئىسسىققا چىدامسىزلىقى، كىسلاتا، ئىشقارلاردا ئاسانلا تورمۇزلىنىشى ياكى ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت، ئېنزىملارنىڭ تېزلىتىشىدىكى رېئاكسىيىلەر ئومۇمەن ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا، ئادەتتىكى بېسىم، نېيترالغا يېقىن سۇلۇق ئېرىتمىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1961 - يىلىدىكى خەلقئارا بىئو خىمىيە يىغىنى ئېنزىمولوگىيە كومىتېتى (EC) نىڭ نام بېرىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، كاتالىزلاش خۇسۇسىيىتىنى ئاساس قىلىپ ئېنزىملار: (1) ئوكسىدازا ۋە رېدۇكتازىلار، (2) ترانسىفېرازىلار، (3) گىدرولازىلار، (4) لىئازىلار، (5) ئىزومېرازىلار، (6) سىنتېتازىلاردىن ئىبارەت ئالتە چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان 300 خىلدەك ئېنزىملىق ياسالمىنىڭ كۆپ قىسمى داۋالاشتا قوللىنىلماقتا، مەسىلەن، ئۇرېيەكىنازا، فىبرولىزىنازىلار قان نۆكچىسىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك دورىلاردۇر. گىستىدىنازا ئاق قان كېسىلىگە قارشى بولغان يېڭى دورا، گلۇتاتىئونازا، ئاسپاراگىنازىغا قارىغاندا راكقا قارشى ئاكتىپلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان دورا. بىر قىسىم ئېنزىملار، مەسىلەن، ئامىلازا (كراخمال ئېنزىمى)، پروتېئىنازا (ئاقسىل ئېنزىمى) لار توقۇمچىلىق، تېرىچىلىك سانائىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.