Uyghur主要词典
ئېنگېلس
مەشھۇر شەخسلەر
»بىر دانە نۇرلۇق ئەقىل - پاراسەت چىرىغى ئۆچتى، بىر ئۇلۇغ يۈرەك سوقۇشتىن توختىدى«. روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى لېنىن25 يېشىدا يازغان »فىرىدرىخ ئېنگېلس« دېگەن ئەسىرىدە، ئېنگېلسقا بولغان مەڭگۈلۈك ئەسلەش ھېسسىياتىنى نېكراسوفنىڭ يۇقىرىقى شېئىرىي مىسرالىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
ئېنگېلس (1820 −1895 - يىللار) ماركسىزمنى ئىجاد قىلغۇچىلارنىڭ بىرى، ماركسنىڭ سىرداش دوستى. ئۇ ئەنگلىيىدىكى بىر توقۇمىچىلىق فابرىكىسى خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا دادىسىغا ئەگىشىپ سودا قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرس ئاڭلىغان. ئىشچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پرولېتارىياتنى ئازاد قىلىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئىزدىگەن. شۇنداق قىلىپ، ئاخىر بىر كوممۇنىزمچىغا ئايلانغان.1844 - يىلى، ماركس بىلەن كۆرۈشۈپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ھەقىقىي دوستلۇق ئورناتقان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ھەمدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلغان.
ئېنگېلس بىلىمى مول، پىكرى ئۆتكۈر، ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئىلىم ئەھلى بولۇپ،20 نەچچە خىل يېزىقنى پۇختا ئىگىلىۋالغان. ئۇ ماركس بىلەن بىللە مول مەزمۇنلۇق نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ماركسىزمنى ياراتقان، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پرولېتارىيات ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان. لېكىن، ئۇ ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن، مەن دېگەن2 - ئىسكىرىپكىچى، ماركسقا ھەمكارلىشىش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم، دېگەن.1850 - يىلى ئىنقىلابقا ئۆزىنى ئاتاپ بولغان ئېنگېلس ئاساسلىقى ماركس ئائىلىسىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاللىقاچان رايى يېنىپ كەتكەن تىجارەت بىلەن قايتىۋاشتىن شۇغۇللىنىپ،20 يىل تىجارەت قىلغان. ماركسنىڭ ئىنقىلاب نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىجادىيەتنى تاماملىشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، ئۇ كۆپ قىسىم زېھنىي كۈچىنى تىجارەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنداقلا يېنىدىكى پۇللىرىنى قالدۇرماي ماركسقا ئەۋەتىپ بېرىپ تۇرغان، ماركس ئۇنىڭ قۇربان بېرىش روھىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن. ئۇ: ئېنگېلسنىڭ ئاجايىپ تالانتى ئاساسلىقى مېنى دەپ تىجارەت يولىدا ئىسراپ بولۇپ كەتتى، دېگەن. نۇرغۇن چوڭ نەزەرىيىۋى مەسىلىلەردە، ئېنگېلس دائىم ماركس بىلەن بىللە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن. كەسىپ مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن، ئېنگېلس كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى ناھايىتى پىششىق بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ ماركسنى بىرىنچى قول كونكرېت ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى تاماملىشىغا ھەمكارلاشقان. كېيىن، ئۇ گېزىت - ژۇرناللاردا بەزى پرىنسىپال مەسىلىلەر ھەققىدە ماركس بىلەن ئۆزىنىڭ ئورتاق كۆزقاراشلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ »دىيۇرڭغا قارشى« دېگەن كىتابىدا ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلىگەن بولۇپ، بۇ كىتاب ماركسىزم قامۇسى، دەپ تەرىپلەنگەن.
ماركس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۇزاقتىن بېرى شۇغۇللىنىپ كېتىۋاتقان تەتقىقات خىزمىتىنى دەرھال توختىتىپ، ئاخىرقى12 يىللىق ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ماركسنىڭ كاتتا ئەسىرى »كاپىتال« نىڭ2 -،3 - تومىنى رەتلەش، نەشر قىلىشقا سەرپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ،2 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەمكارلاشقان. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى كوممۇنىزم ئىشلىرىغا ئەنە شۇنداق خالىس تەقسىم قىلىپ،1895 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن لوندوندا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ جەسەت كۈلى مەرھۇمنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە دېڭىزغا چېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىدىيىسى ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئابىدە تىكلەپ بەرگەن.
دۇنيا تارىخى
(1820.11.28 - 1895.8.5) پۈتۈن دۇنيا پرولتارلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى ۋە داھىيىسى، ماركسىزم ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. ماركسىنىڭ يېقىن سەپدىشى. رۇسسىيىدىكى رېين ئۆلكىسىنىڭ بارمېن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ خوجايىنى ئىدى. 1837 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندە، دادىسىنىڭ مەجبورلىشى ئارقىسدا سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. برېمېندىكى بىر چوڭ سودا شىركىتىدە ئىشلەۋەتقاندا رادىكال ئەدەبىيات تەشكىلاتى <ياش گېرمانىيە> بىلەن يېقىنلاشقان ھەمدە ئۇنىڭ ژۇرنىلى <گېرمانىيە تېلېگرافى> دا پادىشاھلىق تۈزۈمگە، ئاقسۆڭەكلەر ئىمتىيازىغا قارشى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1841 - يىلى بېرلىنغا بېرىپ، پىيادە قىسملار زەمبىرەكچىلەر پولكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېرلىن داشۆسىدە پەلسەپە دەرسى ئاڭلىغان، ياش گېگېلچىلار گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1842 - يىلى 3 - ئايدا <شېللىڭ ۋە ئىلھام> دېگەن كىتابنى يېزىپ شېللىڭنىڭ ئەكسىيەتچىل مىستېتىسىزملىق كۆز قارىشىنى تەنقىد قىلغان. شۇ يىلى 9 - ئايدا، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋاقتى توشۇپ، ئەنگلىيەدىكى مانچىستېرغا بېرىپ، دادىسى باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ باشقۇرغان كارخانىدا ئىشلىگەن. بۇ يەردە دائىم زاۋۇتقا ۋە ئىشچىلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېرىپ ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئىگىلگەن، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە ئەنگلىيەدىكى ئاساسىي نىزام ھەرىكىتى ئەربابلىرى بىلەن ئالاقە باغلىغان، شۇنداقلا <ريېن گېزىتى> قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللارغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1844 - يىلى 3 - ئايدا <نېمىس - فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى> دە <سىياسى ئىقتىساد تەنقىدىگە دائىر ئوچېرك>نى ئېلان قىلىپ، كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنى سوتىسيالىزم نۇقتىئىنەزەرى بىلەن تەنقىد قىلغان.، بۇ چاغدىكى ئەسەرلەر ئۇنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىزمدىن كوممۇمىزمغا بۇرالغانلىقىنى، ئىدېئالىزمدىن ماتېرىيالىزمغا بۇرالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 1844 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋەتىنىگە قايتىش سەپىرىدە پارىژدا ماركس بىلەن كۆرۈشكەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككى ئىنقىلابىي ئۇستاز پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ ئازادلىق ئىشى يولىدا قولنى قولغا تۇتۇپ كۈرەش قىلىشقا باشلىغان. پارىژدا ماركس بىلەن بىرلىكتە <مۇقەددەس ئائىلە> دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، ياش گېگىلچىلارنىڭ ئىدېئالسىتىك پەلسەپىسىنى تەنقىد قىلغان، خەلق ئاممىسى تارىخىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ بەرگەن. 1845 - يىلى گېرمانىيىگە قايتىپ، <ئەنگلىيەدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەھۋالى>نى نەشىر قىلىپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىنى پاش قىلىپ، كاپىتالىستلارنىڭ ئىشچىلار ئۈستىدىكى دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىسىنى شىكايەت قىلغان ھەمدە پرولېتارىياتنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە رولىنى تۇنجى قېتىم شەرھلەپ، سوتسىيالىزم بىلەن ئىشچىلار ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. 1845 - يىلى ئەتىيازدا، بىريۇسسېلغا كۆچۈپ بېرىپ، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ماركس بىلەن يەنە بىر قېتىم جەم بولغان ھەمدە <نېمىس ئىدېئولوگىيىسى>نى بىرلىكتە يېزىپ، گېگېلدىن كېيىنكى نېمىس پەلسەپىسىنى تەنقىد قىلىپ، تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ تۈپ قائىدىسىنى بايان قىلغان. 1846 - يىلى ۋە 1847 - يىلى ماركس بىلەن بىللە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كوممۇنىستىك ئاخبارات كومىتېتى ۋە نېمىس ئىشچىلار جەمئىيىتىنى قۇرغان ھەمدە پرودونچىلىققا، ۋېيتىلىڭنىڭ تەڭ تەقسىماتچىلىق كوممۇنىزمغا ۋە <ھەقىقىي> سوتسىيالىزمغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1847 - يىلى ماركس بىلەن بىللە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، ئىتتىپاقنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيى ئۈچۈن پروگرامما لايىھىسى يەنى <كوممۇنىزم پرىنسىپلىرى> نى تەييارلىغان. 1847 - يىلى 12 - ئايدىن 1848 - يىلى 1 - ئايغىچە، ماكس بىلەن بىللە <كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى> نى يېزىپ چىققان. <خىتابنامە>دە پرولېتارىيات كۈرىشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تەلىماتى ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى سىستېمىلىق، مۇكەممەل شەرھلەنگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھەرقايسى ئەللەر پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ئورتاق يول كۆرسەتكۈچى ماياكقا ئىگە بولغان. 1848 - يىلى، گېرمانىيە ئىنقىلابىي پارتلىغاندىن كېيىن، يەنە ماركىس بىلەن بىللە فرانسىيەدىن گېرمانىيىگە قايتىپ بېرىپ، كيولىندا <يېڭى رېين گېزىتى>نى چىقارغان. 1849 - يىلى 5، 7 - ئايلاردا، گېرمانىيە خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىغا بىۋاستە قاتنىشىپ، كارامەت ھەربىي تالانتىنى كۆرسەتكەن. قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، قالغان ئىنقىلابىي قوشۇن بىلەن شۋېتسارىيىگە بارغان. كېيىن لوندونغا بېرىپ، ماركس بىلەن بىرلىكتە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېتىنى يېڭىۋاشتىن قۇرغان. 1850 - 1852 - يىللىرى <گېرمانىيدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى> ۋە <گېرمانىيىدىكى ئىنقىلاب بىلەن ئەكسىلئىنقىلاب> نى يېزىپ، 1848 - يىلىدىكى ئىنقىلابنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، قوراللىق قوزغىلاڭ مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرغا قويغان. 1850 - يىلى 11 - ئايدا، ماركسقا ئىقتىسادىي جەھەتتە مەدەت ۋە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يەنە مانچېستېرغا قايتىپ بېرىپ، ئومېن - ئېنگېلس شىركىتىدە سودىگەرچىلىك قىلغان، 1870 - يىلى لوندونغا كۆچۈپ بارغان. مۇشۇ 20 يىلدا ماركس بىلەن ھەركۈنى دېگۈدەك خەت ئېلىشىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ تۇرغان. 1851 - 1852 - يىللىرى <نيۇ - يورك كۈندىلىك مۇنبەر گېزىتى> ۋە باشقا گېزىت - ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارادىكى زور سىياسىي ۋەقەلەرگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرغان، ئىتالىيە، ئېرلاندىيە، پولشا، گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە جۇڭگودىكى ئىنقىلابىي كۈرەشلەرنى بايان قىلغان ۋە قوللىغان؛ ھەربىي ئىشلار نەزەرىيىسىنى زور قىزىقىش بىلەن تەتقىق قىلىپ، ھەربىي ئىشلارغا ئائىت نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازغان؛ تىلشۇناسلىقنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. 1864 - يىلى خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى (يەنى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال) قۇرۇلغاندىن كېيىن، ماركس بىلەن بىللە ئۇنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان ھەمدە ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىچكى قىسمىدا پرۇدونچىلار، باكونىنچىلار، ئىشچىلار بىرلەشمىچىلىكى تەرەپدارلىرى ۋە لاسسالچىلار بىلەن پرىنسىپال كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلاھاتچىلىق، تەسلىمىچىلىك، ھۆكۈمەتسىزلىك، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئىنتېرناتسىئونالغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك سۈيىقەستلىك ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ماركسزمنىڭ خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى ئۈچۈن ئاساس سالغان. 1870 - يىلى 7 - ئايدا پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ھەربىي ئىشلارغا دائىر بىر قاتار ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي يوسۇندا مۆلچەرلىگەن. 1871 - يىلى 3 - ئايدا، پارىژ ئىشچىلىرى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قۇرغان تارىختىكى تۇنجى پرولېتارىيات ھاكىمىيىتى - پارىژ كوممۇنىسىنى ئاكتىپ قوللىغان. ماركس بىلەن بىرلىكتە پارىژ ئىشچىلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ئىجادچانلىق روھى ۋە قەھرىمانلارچە جاسارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن، كوممۇنىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەرگەن. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ماركس ئاساسىي كۈچىنى <كاپىتال> نى يېزىشقا قاراتقان ئەھۋالدا، گېزىت - ژۇرناللاردا ئۆزلىرىنىڭ بەزى پرىنسىپال مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1875 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (ئېيزىناخچىلار) بىلەن لاسسالچىلار بىرلەشكەندە، ماركس بىلەن بىللە بىرلىكتە ئېزىناخچىلار يولباشچىلىرىنىڭ تەسلىمىچىلىك مەيدانىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، <گوتا پروگراممىسى> دىكى لاسسالچىلىق كۆز قاراشلىرىنى تەنقىد قىلغان. 1877 - 1878 - يىللىرى بىر قاتار ماقالىلەرنى يېزىپ، ئىلمىي سوتىسيالىزم نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرۋەتمەكچى بولغان ديۇرىڭنى ئومۇميۈزلۈك تەنقىد قىلىپ، ماركسزملىق ئۈچ تەركىبىي قىسمىنى تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق شەرھلەپ بەرگەن. بۇ ماقالىلەر كېيىن توپلىنىپ <ديۇرىڭغا قارشى> دېگەن كىتاب قىلىپ بېسىلىپ، <ھەربىر ئاڭلىق ئىشچى ئوقۇشى زۆرۈر بولغان كىتابلار> بولۇپ قالغان. (<لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى> 2 - توم، خەلق نەشرىياتى 1972 - يىل، خەنزۇچە نەشرى، 442 - بەت).1879 - يىلى ماركس بىلەن بىللە مەشھۇر <ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش خېتى> نى يېزىپ، گېرمانىيە پارتىيىسى ئىچىدىكى سيۇرىخ ئۈچ كىشىلىك گۇرۇھىنىڭ ئىسلاھاتچىلىقى ۋە تەسلىمىچىلىكىنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 70 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن 1883 - يىلىغىچە يەنە تەبىئىي پەندىكى پەلسەپە مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىغا كىرىشىپ، نۇرغۇن خاتىرىلەرنى يازغان، شۇ چاغدىكى تەبىئىي پەننىڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ئاساسىدا يىغىنچاقلىغان، تەبىئىي پەندىكى مېتافىزىكا ۋە ئىدېئالىزمنى تەنقىد قىلغان، ماتېرىيالسىتىك دىئالېكتىكىنى راۋاجلاندۇرغان. بۇ خاتىرىلەر ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن رەتلىنپ <تەبىئەت دىئالېكتىكىسى> قىلىنغان. 1883 - يىلى 3 - ئايدا ماركىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ماركسنىڭ ئەسەرلىرىنى رەتلەش ۋە ئېلان قىلىش ھەم خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە نۇرغۇن مۇھىم ئەسەرلەنى يازغان. 1885 - يىلى <كاپىتال> نىڭ 2 - تومىنى رەتلەپ نەشىر قىلغان، 1894 - يىلى 3 - تومىنى نەشر قىلغان. 1884 - يىلى <ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى> نى يېزىپ، سىنپنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى، دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ماھىيىتىنى شەرھلەپ بەرگەن. 1888 - يىلى <ليۇدۋىگ فېييېرباخ ۋە نېمىس كلاسسىك پەلسەپىسىنىڭ ئاخىرى> نى يېزىپ، ماركسىزم بىلەن گېگېل پەلسەپىسى ۋە فېييېرباخ پەلسەپىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى تەپسىلىي شەرھلەپ بەرگەن. 1889 - يىلى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا بىۋاستە قاتناشقان ھەمدە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان شۇنداقلا تۈرلۈك ئاغمىچىلىققا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1891 - يلى 6 - ئايدا، <1891 - يىلدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى پروگراممىسى لايىھىسى ئۈستىدە تەنقىد>نى يېزىپ، <سوتسىيالىزم> غا تىنچ <ئۈسۈپ كىرىش> دېگەن سەپسەتىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغان. 1894 - يىلى، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ دېھقانلار مەسىلىسىدىكى خاتا مەيدانغا قارىتا، <فرانسىيە - گېرمانىيىدىكى دېھقانلار مەسىلىسى>نى يازغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابىي ئەربابلار بىلەن كۆپلەپ خەت - ئالاقە قىلىپ، تارىخىي ماتېرىيالىزم قائىدىلىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرغان. 1895 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 ـ كۈنى لوندوندا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. لېنىن: <ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ تۆھپىسى شۇ يەردىكى، ئۇلار كاپىتالىزمنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى، كىشىنى كىشى ئېكىسپىلاتاتسىيەقىلىش ھادىسىسى بولمىغان كوممۇنىزمغا ئۆتۈشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئىلمىي يوسۇندا تەھلىل قىكلىپ دەلىللەپ بەردى>؛ <ئۇلار ھەرقايسى ئەللەر پرولېتارلىرىغا پرولېتارلارنىڭ رولى، ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى ئالدى بىلەن قوزغىلىپ كاپىتالغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى> دېگەنىدى (<لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى>، 3 - توم، خەلق نەشرىياتى 1972 - يىل خەنزۇچە نەشرى، 603 - بەت).