Uyghur主要词典
ئېنىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرغان ھالەت.
كۆپچىلىككە ئاياننى كېلىشتۈرۈپ ئېيتىش قىيىن. بولىدىغان ئاشلىق كۆكىدىن مەلۇم. پاكىت تىلىدىن روشەن بولار. ئىش ۋاقتى كەلسە ئايدىڭ بولار ئاسماندىكى يۇلتۇزنى ئېنىق كۆرۈپ، يۈزىدىكى قورۇقنى كۆرەلمەپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ھەرىكەتكە مۇئەييەنلىك بېرىدۇ.
چوققىغا چىقىمەن دېگەن ئادەم جەزمەن يول تاپالايدۇ. تۈن ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، چوقۇم تاڭ ئاتىدۇ. توپىلانغاننىڭ تارقىلىشى مۇقەررەر. ھەر قاچان دۈشمەندىن قاچقاندا لەشكەر، سۇلتانىغا يەتكەچ توختار مۇقەررەر. دوست بىلەن دۈشمەننى ئېنىق ئاجرىتىش مۇھىم مەسىلە. بىز سۆزسىز غەلبە قىلىمىز. بۇ پىلان شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ. دۈشمەننىڭ يېڭىلىشى، بىزنىڭ يېڭىشىمىز تەھقىق.ئىشىمىزنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى تۇرغان گەپ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆز - ئۆزىدىن كۆرۈنۈپ، بىلىنىپ تۇرغان، ئاسان كۆرگىلى، چۈشەنگىلى بولىدىغان.
تۇتۇق، خىرە، گۇڭگا
كۆرۈنۈپ، بىلىنىپ تۇرمايدىغان، ئاسان كۆرگىلى، چۈشەنگىلى بولمايدىغان.
مەقسەت ئېنىق بولسا، تۇرمۇش پارلاق بولار. ئاپتاپ قانچىلىك بولسىمۇ روشەن، بىر پارچە بۇلۇتمۇ يوشۇرىدۇ ئۇنى بەزەن. كۆپچىلىككە ئاياننى كېلىشتۈرۈپ ئېيتماق قىيىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. خاتاسى يوق، توغرا، دەل، نەق.
ھېسابى ئېنىق. ۋاقتى ئېنىق. گېپى ئېنىق.
سۈپ. جەزمەن، چوقۇم، شۈبھىسىز.
بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەردە قونۇپ قالىدىغانلىقىمىز ئېنىق ئىدى.
سۈپ. مەلۇم، ئوچۇق.
بۇ كىتابنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكى ئېنىق.
رەۋ. كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى بولىدىغان دەرىجىدە، ئاشكارا، ئوچۇق.
ئېنىق ئاڭلىماق.