Uyghur主要词典
ئەركىن سۇ ۋە باغلانغان سۇ
领域: بىئولوگىيەئۆسۈملۈك تېنىدىكى قۇتۇپلۇق دانىچىلاردىن يىراق جايلاشقان، مۇھتەھكەم بىرىكمىگەن، ئۆسۈملۈك تېنى ئىچىدە ئەركىن يۆتكىلەلەيدىغان ھەمدە ئاسانلا ئۆسۈملۈك تېنى سىرتىغا تارقاپ كېتەلەيدىغان بىر قىسىم سۇ ئەركىن سۇ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆسۈملۈك تېنىدە يەنە بىر قىسىم سۇ بولۇپ، ئۇ سۇ خالايدىغان تۈزگۈچى ماددىلار تەرىپىدىن مۇستەھكەم باغلىنىپ، گىدراتلىشىش رولى، ئوسموتىك رولى قاتارلىق شەكىللەردە باغلىنىپ تۇرىدۇ، بەزى سۇلار ھەتتا ماددىي تۈزۈلۈشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان بولىدۇ، بۇ سۇلار بىرقىسىمدىن يەنە بىر قىسىمغا ئەركىن يۆتكىلەلمەيدۇ، ئۆسۈملۈك تېنى ئىچىدە يوقىلىپ كېتەلمەيدۇ، باشقا ماددىلارنى ئېرىتىش ئىقتىدارىمۇ بولمايدۇ، بۇ بىر قىسىم سۇ باغلانغان سۇ دەپ ئاتىلىدۇ. بىرىككەن سۇنىڭ ئېلېكترلىك تۇراقلىقى نىسبەتەن كىچىك، ئىسسىقلىق سىغىمى بىردىن كىچىك بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。