Uyghur主要词典
ئەركىن تايلاندلىقلار ھەرىكىتى
领域: دۇنيا تارىخىئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تايلاند خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشكىلات. 1942-يىلىنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان. رەھبىرى پېرىد پانوميوڭ (1900 - 1983) ۋە سېنى پراموج (1905 - ؟). جەمئىي 50 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بۇلار ئوخشاش بولمىغان سىنىپلارغا ۋەكىللىك قىلغان. تايلاند ئىشچىلار سىنىپى ھەرىكەتتە ئاكتىپ رول ئوينغان. ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى - مەملىكەت سىرتىدا ئالاھىدە خىزمەت خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ، بۇلارنى تايلاندقا قايتۇرۇپ كېلىپ، ياپونغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ھەرىكەت توختاپ قالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。