Uyghur主要词典
ئەركىن فرانسىيە
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيە لوندوندا قۇرغان قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى. 1940-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى دې گۈلل لوندون رادىئو ئىستانسىسىدا <فرانسىيە خەلقىگە مۇراجىئەت> نى ئېلان قىلىپ، <ئەركىن فرانسىيە> نى قۇرۇپ گېرمانىيىگە قارشى كۈرەشنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ مالىيە ياردىمىنى قوبۇل قىلغان. 1941-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى <ئەركىن فرانسىيە> نىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى - <ئەركىن فرانسىيە مىللىي كومىتېتى> نى قۇرۇپ چىققان. قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئادەم سانى بارا - بارا كۆپەيگەن ھەمدە چاد، كامېرون ۋە ئوتتۇرا كونگو قاتارلىق فرانسىيە مۇستەملىكلىرى خەلقلىرىنىڭ قوللىنشىغا ئېرىشكەن. فاشىست گېرمانىيىسىگە قارشى كۆپ قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1942-يىلى 7-ئايدا نامىنى <جەڭگۋار فرانسىيە> دەپ ئۆزگەرتكەن.