Uyghur主要词典
ئەركىنلىك ئوغلانلىرى جەمئىيىتى
领域: دۇنيا تارىخى(1) 1765-يىلى ئامېرىكىنىڭ مۇستەملىكە دەۋرىدىكى خەلقىنىڭ ئەنگلىيە ئېلان قىلغان <ماركا بېجى قانۇنى> غا قارشىلىق كۆرسىتىش يۈزىسىدىن مەخپىي تەشكىلات نامى ئەنگلىيىلىك سىياسىئون ئىساك باررې (1802 - 1726) نىڭ پارالامېنتتىكى نۇتقىدىن كەلگەن. قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سودا - سانائەت ئەمگەككچىلىرى ۋە بۇرژۇئا زىيالىيلىرىدىن ئىبارەت. ئاساسىي رەھبەرلىرى لام (1735 - 1800)، ئادامىس (1722 - 1803) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەزكۇر تەشكىلات تەشۋىقات - تەرغىبات ئېلىپ بېرىپ، ئەنگلىيە مېتىروپولىيىسىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكلىرىگە قارىتا ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە ئېزىشىگە قارشى تۇرۇپ، ماركا بېجى تالونلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكە ئەمەلدارلىرىنى جازالاپ، مۇستەملىكە خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىك ئىشلىرىدا بەلگىلىك رول ئوينىغان. (2) ئامېرىكىنىڭ 1864-يىلىدىكى جەنۇب - شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە غەربىي شىمال رايونىدىكى كوپېرخاد قۇرغان مەخپىي ئەكسىيەتچىل تەشكىلات. ئۇنىڭ تەكتى ئامېرىكا رىتسارلار پولكى بولۇپ، قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبتىكى ئىتتىپاقداشلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، قۇللۇق تۈزۈمنى قوللىغان ھەمدە سۇيىقەستلىك بۇزغۇنچىىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。