Uyghur主要词典
ئەركىن نۇر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نەسرچى ۋە ژۇرنالىست ئەركىن نۇر 1965 - يىل 5 - ئايدا كۇچا (ناھىيسىنىڭ خانىقاتام يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ، 1981 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1986 - يىل 7 - ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن <تەڭرىتاغ> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئەركىن نۇر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1984- يىلى <ئىلى دەرياسى> ناملىق ئەدەبىي ئوبزۇرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، ئەدەبىياتنىڭ كۆپ ساھەلىرىدە قەلەم تەۋرىتىپ <ئىزدىنىش> رومانىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا< قاتارلىق ئوبزۇرلارنى، >يىراق ۋە يېقىن<، >ھۇۋلاپ تۇرار مەندە بىر دېڭىز< قاتارلىق شېئىرلارنى؛ >يىلتىز<، >سەمەندەر<، >شەكىلسىز ئايال< قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدەبىي ئاخبارات - ھېكايىلارنى؛ >كۆلەڭگە<، >كۆيگەن ياشلىق< قا ئوخشاش نەسرلەرنى يازغان.
ئەركىن نۇر يەنە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى داڭلىق يازغۇچى - شائىرلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بەزى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.
ئەركىن نۇر ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.