Uyghur主要词典
ئەركىن كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى
领域: دۇنيا تارىخى<گېرمانىيە ئىمپېرىيە پارتىيىسى> دەپمۇ ئاتىلدۇ. گېرمانىيىدىكى يونكېر پومشچىكلار ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ پارتىيىسى. 1866-يىلى پروسىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان مۆتىدىلچىلەر قۇرغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ باشلىرى بىسمارك قوزغىغان مەدەنىيەت كۈرىشىگە ئىشتراك قىلغان، 1878-يىلى يەنە بىسماركنىڭ <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن> نى ھەمدە قوغدىنىش بېجى سىياسىتىنى پائال ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، گېرمانىيە پارالامېنتىدىكى سىياسىي تەسىر ئەڭ زور بولغان ئەكسىيەتچىل پارتىيە - گۇرۇھنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى جاھانگىرلىك مۇستەملىكە كېڭەيمىچىك سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان. 1918-يىلى گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىدىن كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن. كۆپ قىسىم ئەزالىرى گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيە مىللىي خەلق پارتىيىسى بولغان
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。