Uyghur主要词典
ئەركىن پىكىرلىكلەر پارتىيىسى
领域: دۇنيا تارىخىگېرمانىيە ئەركىن بۇرژۇئا پارتىيىسى. 1848-يىلى تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ قالدۇقى بىلەن مىللىي لىبېرالىستلار پارتيىسىنىڭ سول قانات <ئايرىلغۇچىلار گۇرۇھى> دىن تەركىب تاپقان. ئاساسلىق رەھبىرى گراف شېنىك. فون. ستائۇفېنبېر (1834 - 1901)، رۇدولۇف ۋىرخوۋ (1821 - 1902)، ئېئۇگېن رىچىت (1838 - 1906) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شەھەردىكى ئوتتۇرا، كىچىك بۇرژۇئازىيە ۋە ئۇلارنىڭ زىيالىيلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى پارلامېنتىدا دائىم قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئىمپورت بېجىنى تۆۋەنلىتىش، چوڭ بىرلەشمە كارخانىلارنى قۇرۇشنى چەكلەش ۋە ھەربىي خىراجەتنى ئازايتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1893-يىلى نائۇمان (1860 - 1919) ۋە بارت (1894 - 1909) باشچلىقىدىكى <ئەركىن پىكىرلىكلەر ئىتتىپاقى> ۋە ئېئۇگېن رىچت باشچىلىقىدىكى <ئەركىن پىكىرلىكلەر خەلق پارتىيىسى> گە بۆلۈنۈپ كەتكەن. لېكىن ئىككى گۇرۇھنىڭ زور مەسىلىلەردە پرىنسىپاللى ئىختىلاپى بولمىغانلىقتىن، 1910-يىلى يېڭىۋاشتىن بىرلەشكەن ھەمدە <گېرمانىيە خەلق پارتىيىسى> بىلەن بىللە تەرەققىيپەرۋەر خەلق پارتىيىسىنى تەشكىل قىلىپ، بارا - بارا گېرمانىيە مىللىيتارىزمنى قوغدايدىغان پارتىيىگە ئايلىنىپ قالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。