Uyghur主要词典
ئەرەب ئەللىرى بىرلەشمىسى
دۇنيا تارىخى
قىسقارتىلىپ ئەرەب بىرلەشمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. 1944-يىلى 9-ئايدا، مىسىرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىسكەندەرىيە پورتىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، <ئىسكەندەرىيە كېلىشىمنامىسى>نى تۈزۈپ، ئەرەب ئەللىرى بىرلەشمىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان. 1945-يىلى 3-ئايدا، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاھىرەدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، <ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاھىرەدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، >ئەرەب ئەللىرى بىرلەشمىسى ئەھدىنامىسى< (>ئەرەب بىرلەشمىسى نىزامى< دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ماقۇللىغان. بىرلەشمە رەسمىي قۇرۇلغان. مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىچ ھەمكارلقىنى كۆچەيتىش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، مۇستەقىللىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلىرى ۋە مەنپەئىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدە تۇتۇشتىن ئىبارەت. 1950-يىلى 4-ئايدا قاھىرەدە >ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلەشمە مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شەرتنامىسى< ئىمزالانغان. 1982-يىلىغىچە ئەزا دۆلەتلەر 22 گە يەتكەن. ئۇلار: ئالجىرىيە، بەھرەيىن، مىسىر، جىبۇتى، ئىراق، ئىئوردانىيە، كۇۋەيت، لىۋىيە، لىۋان، ماۋرىتانىيە، ماراكەش، ئومان، قاتار، سەئۇدى، ئەرەبىستانى، سومالى، سۇدان، سۈرىيە، تۇنىس، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى، يەمەن دېموكراتىك جۇمھرىيىتىدىن ئىبارەت. پەلەستىنمۇ ئۇنىڭ ئەزاسى. مۇدىرىيەت ئالىي ئورگىنى بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان، ھەر يىلى 3- ۋە 9-ئايدا يىغىن ئاچىدۇ ھەمدە دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى بار. باش ئورگىنى قاھىرەدە تەسىس قىلىنغان. بىرلەشمە 1964-يىلىدىن باشلاپ قەرەلسىز ھالدا ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىنى چاقىرىپ، ئالىي دەرىجىلىك يىغىن قىلغان. 1965-يىلى 9-ئايدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا >ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى< نى ئىمزالىغان. 1980-يىلى 8-ئايدا بۇ بىرلەشمە بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرى يىغىنى تەشكىلاتى تۇنىستا بىرلەشمە يىغىن ئاچقان ھەمدە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئىككى تەشكىلات ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزۈپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. 1981-يىلىغىچە جەمئىي 12 قېتىم باشلىقلار يىغىنى ۋە بىر قېتىم جىددىي يىغىن چاقىرغان.