Uyghur主要词典
ئەرەب ئارىستوتېلچىلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەب پەلسەپە ئېقىمى بولۇپ، ئەرەبچە <ھۆكۈما> لار دېيىلىدۇ (مەنىسى <ئەقىللىكلەر> يەنى پەيلاسوپلار دېگەنلىك بولىدۇ). بۇ ئېقىم Ⅸ ئەسىردىن Ⅻ ئەسىرگىچە بولغان جەرياندا ئەرەپ ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئەركىن پىكىرلىك پەيلاسوپلار بىلەن تەبئىي پەن ئالىملىرى ئارىستوتېل ۋەكىللىكىدىكى قەدىمىكى گرېك پەلسەپىسىنى ۋە تەبىئىي پەن كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىپ، تەبىئەت دۇنياسىنى پەلسەپە بىلەن چۈشەندۈردى، ئىسلام دىنىنى ئىدراك بىلەن شەرھلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن ئىلاھىيەتچىلىكتىن مۇستەقىل بولغان يېڭى ئېقىم شەكىللەندى. Ⅸ ئەسىردە ئەەب خەلىپە دۆلىتى ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ھارۇن رەشىد ۋە مەئموننىڭ تەشەببۇس قىلىشى، قوللىشى بىلەن باغداتنى مەركەز قىلغان ھالدا قەدىمكى گرېكلارنىڭ پەلسەپە ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرىنى تەشكىللىك، كەڭ كۆلەمدە توپلاش، رەتلەش، تەرجىمە - تەتقىق قىلىش ھەرىكىتى شەكىللەندى. Ⅸ ئەسىردە گرېكچە نۇرغۇن پەلسەپە ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. جۈملىدىن ئارىستوتېلنىڭ <مىتافىزىكا>، <كاتېگورىيە>، <ئېتىكا>، <فىزىكا>، <قورال نەزەرىيىسى>، <ئىزاھاتلار> قاتارلىق ئەسەرلىرى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىندى. بورفىرىنىڭ <ئارىستوتېلنىڭ كاتېگورىيە توغرىسىدىكى ئەسىرىگە كىرىش سۆز> ناملىق ئەسىرى، يېڭى ئەپلاتونىزملىق تېشىپ چىقىش تەلىماتىنى شەرھلەيدىغان پەلسەپىۋى ئەسىرى <ئارىستوتېلنىڭ تېئولوگىيىسى> ۋە <سەۋەب> مۇ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، جايلارغا تارقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە گرېكلارنىڭ پەلسەپە، ئىلمىي ئەسەرلىرىنىڭ ئەرەبچە تەرجىمىسى ئۇمەۋىيە سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئىسپانىيىدىمۇ كەڭ تارقالدى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. كوردوۋا ئىسلامىيەتنىڭ ئىككىنچى ئىلىم - مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلىنىپ، ئىسپانىيىدە مەدەنىيەت گۈللەنگەن يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. تەرجىمە ھەرىكىتىدە تەرجىمە قىلىنغان چەتنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئەرەب پەلسەپىسىققىي قىلىشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇرەككەپ جەرياننى باشتىن كەچۈرى. قەدىمكى شەرق دۇنياسىدا قۇياش كۆتۈرۈلگەن شەرق تەرەپنى نۇرنىڭ ماكانى دەپ قاراپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە بىلىمنى نۇرغا ئوخشاتتى. قۇياش پاتقان غەرب تەرەپنى قاراڭغۇلۇق ماكانى دەپ قاراپ، نادانلىق بىلىمسىزلىكنى قاراڭغۇلۇققا ئوخشاتتى. شۇنىڭ بىلەن يورۇقلۇق ۋە ئويغىنىش توغرىسىدىكى تەلىمات بارلىققا كەلدى. Ⅹ ئەسىردە تەسەۋۋۇپچى ئۆلىمالار ئەسەر يېزىپ، مەنىۋى چېنىقىشنىڭ يولى ۋە ئىبادەت ئۇسۇللىرىنى شەرھلەپ، تەسەۋۋۇپچىلىق ئەقىدىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. كېيىن تەرجىمە ھەرىكىتى ئارقىلىق گرېك پەلسەپە ئىدىيىسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىدىيە ساھەسىگە سىڭىپ كىردى. بولۇپمۇ يېڭى ئەپلاتونىزمچىلارنىڭ <تېشىش تەلىماتى> ئەبۇ نەسىر فارابى، ئىبن سىنا قاتارلىق ئسىلام پەيلاسوپلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. ئاللا نۇرىنىڭ يورۇتۇشى بىلەن <ھەقىقىي بىلىم> ۋە <ھەقىقەت> كە ئىگە بولۇش ئىدىيىسى Ⅺ ئەسىردىكى تەسەۋۋۇپچىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالدى. ئۇنى سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە نەزەرىيىلەشتۈرۈش جەريانىنى ئىشراقىيە تەلىماتچىلىرى تاماملىدى. سۇھرەۋەردى قەدىمكى گرېك پەيلاسوپلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە ئەجەمدىكى زورو ئاستروىزمنىڭ ياخشىلىق - يامانلىق بىلەن يورۇقلۇق، قاراڭغۇلۇق توغرىسىدىكى تەلىماتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ پىشىۋالىرى، بولۇپمۇ ھەللاج ۋە غەززالىنىڭ ئىدىيىسى ئاساسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىسلان دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىلاھىي نۇر ئىدىيىسىنى يىغىنچاقلاپ، ئىشراقىيە تەلىماتىنى ياراتتى. كېيىنكى تەسەۋۋۇپچى ۋە مىستىتسزم پەيلاسوپلىرى بۇ تەلىماتنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشراقىيە تەلىماتىنى شەكىللەندۈردى. بۇ تەلىمات ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا رايونلىرىغا كەڭ تارقالدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاللانىڭ زاتى مۇتلەقتۇر. بۇر يورۇتقانلىقتىن ئالارلىق كىشىلەر غايىۋى دۆلەتنىڭ ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار مۇنداق قارىدى: <پەزىلەتلىك يۇرتلار> جەمئىيىتىدە پادىشاھ دانىشمەن، زېرەك ۋە مۇكەممەل ئادەم بولۇشى، پۇقرالار مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە ۋە تەربىيە ئالغا بولۇشى كېرەك. كىشىلەر ئارا باراۋەر بولۇشى، مال - مۈلۈككە ئادىل ئىگىدارچىلىق قىلىشى، ئىناق ياشىشى، جەمئىيەت (دۆلەت) نىڭ ۋەزپىسى پۇقرالارنىڭ پاراۋانلىقىنى قاندۇرۇشتن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. ئىبنى خەلدۇن ئىجادىي خاراكتېرلىك تارىخىي پەلسەپە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەبىئىي شارائىت، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە تۇرمۇش شەكلى قاتارلىق ئامىللارنىڭ جەمئىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى يېڭى ئەپلاتونىزم تەرىپىدىن بۇرمىلىۋېتىلگەن ئارىستوتېل تەلىماتىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئارىستوتېلنىڭ تەبىئەت قارشى ۋە ئىلىم - پەن قارىشى جەھەتتىكى ساددا ماتېرىيالىستىك ۋە دىئالېكتىك ئىدىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا زور تۆھپە قوشتى. بۇ ئېقىمدىكى ئالىملارنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى Ⅻ ئەسىردە ئىسپانىيە ئارقىلىق، ياۋروپاغا تارقىلىپ، شەرق بىلەن بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، غەربىي ياۋروپانىڭ پەلسەپە ۋە ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر ئىبنى روشىدنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرى غەربكە تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئىتالىيە ۋە فرانسىيىدە ئاۋېرروئىسچىلىق ئىلمىي ئېقىمى شەكىللىنىپ، ياۋروپانىڭ ئىدىيە ساھەسىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى.