Uyghur主要词典
ئەرەب ئامېرىكا نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى
دۇنيا تارىخى
ئەرەب - ئامېىركا نېفىت شىركىتى ئىشىچلىرىنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ 50 ـ يىللىرىدىكى چوڭ ئىش تاشلىشى. 1953-يىلى سەئۇدى ئەرەبستاندىكى ئەرەب - ئامېرىكا نېفىت شىركىتىگە قاراشلىق زاۋۇتتىكى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىشچىلار شىركەتكە ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىرقىي كەمسىتىشنى توختىتىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىركەت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. شۇ يىلى 10-ئايدا ئىشچىلار بىرىنچى قېتىم ئومۇمىي ئىش تاشلىغان. شىركەت ئىشچىلارنىڭ تەلىپىگە نائىلاج ماقۇل بولغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھلىق ھۆكۈمەتنى ئىشچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا مەجبۇرلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىشچىلار ھەرىكىتى پەيدىنپەي ئامېرىكىغا قارشى سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلانغان. 1956-يىلى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي ئىش تاشلىغان. پادىشاھلىق ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئىشچىلار ھەرىكىتى تەدرىجىي بوشىشىپ كەتكەن.