Uyghur主要词典
ئەرەب بىرلەشمىسى مۇداپىئە شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخىتولۇق ئاتىلىشى <ئەرەب بىرلەشمىسى دۆلەتلىرى ئارا بىرلەشمە مۇداپىئە ۋە ئىقتسىادىي ھەمكارلىق شەرتنامىلىسى>، <ئەرەب دۆلەتلىرى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەرەب بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر 1950-يىلى 6-ئايدا ئىمزالىغان ھەربىي، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش شەرتنامىسى. بىرىنچى قېتىملىق ئەرەب - ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى (1948 - 1949) دىن كېيىن، ئىسرائىلىيىنىڭ تاجاۋۇزىدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن ساقلىنىش مىسىرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەرەب بىرلەشمىسى 1950-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى قاھىرەدە بۇ شەرتنامىنى تەييارلىغان. جەمئىي 13 ماددا (بىر ھەربىي قوشۇمچە ماددىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شەرتنامىدە، شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر تىنچىلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاشقا ۋە مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ؛ خەلقئارا ماجىرالارنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشنى ئېتىراپ قىلىدۇ؛ شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قىلىنغان تاجاۋۇز شەرتنامىدە تۈزۈشكەن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تاجاۋۇزنى چېكىندۈرۈش بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرلەشمە مۇداپىئە مۇدىرىيىتى ۋە دائىمىي ھەربىي كومىتېت تەسى قىىپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ئالاقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەڭشەشكە مەسئۇل قىلىش ھەمدە ئىقتىسادىي مۇدرىيەت تەسىس قىلىپ، شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بەلگىلەنگەن. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، مىسىر، لىۋان، سۈرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە يەمەندىن ئىبارەت بەش دۆلەت ئىمزا قويغان. ئىراق ۋە ئىئوردانىيە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1195-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋە 1952-يىل 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىمزا قويغان. 1952-يىلى 4-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。