Uyghur主要词典
ئەرەبچە ھۆسنخەت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ بىر خىل ھۆسنىخەت شەكلى، يەنى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەرەبچە ھۆسنخەتتۇر. ئۇنىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكىدە ھەم ئەرەبچە خەتنىڭ گۈزەل بەدىئىي شەكلى، ھەم خەنزۇچە خەتنىڭ چاسا يېزىلىدىغان ئالاھىدىلىكى مەۋجۇت بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆسىنخېتى، لاتىن، پارس، تۈرك يېزىقلىرىنىڭ سىرتقى ئالاھىدىلىكىمۇ تەقلىد قىلىنغان بولىدۇ. قەدىمىي ئىمارەتلەرنىڭ نەقىشلىرىگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنداق ھۆسىنخەت چاسا، سىترولۇق، يۇمۇلاق ۋە چېتىق شەكللىرىدە، مۇبالىغە شەكلىدە يېزىلىدۇ. ھۆسىنخەتلەرنىڭ مەزمۇنى « قۇرئان كەرىم » دىن، ھەدىستىن ئېلىندى. ئاللاغا ۋە پەيغەمبەرگە ھەمدۇسانا ئوقۇلىدىغان نەزمى ئەسەرلەر ئاساس قىلىنىدۇ. بۇنداق ھۆسىنخەتلەر مەسچىتلەرگە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ئېسىپ قويۇلىدۇ.