Uyghur主要词典
ئىدارە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باشقۇرماق، ئىش يۈرگۈزمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش بېجىرگۈچى تەشكىلاتلار، خىزمەت ئورۇنلىرى.
<ئىدارە، مەھكىمە، باشقارما، بيۇرو> لار خىزمەت سىستېمىسى بويىچە تەسىس قىلىنغان مەخسۇس ئورۇنلار.
<ئاپپارات، ئورگان، مۇئەسسەسە> لەر مەۋھۇم تەشكىلاتلار بولۇپ، مەخسۇس ئورۇننى كۆرسەتمەيدۇ.
مالىيە ئىدارىسى. ۋالىي مەھكىمىسى. تەشۋىقات باشقارمىسى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى. ئاپپاراتلارنى ئىخچام، قوشۇننى خىل قىلىش كېرەك. يېڭى مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلدى. ئورگانلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بەلگىلىك تەرتىپتە باشقۇرۇش، يولغا سېلىش؛ باشقۇرۇش.
ئىدارە قىلماق. دۆلەتنى ئىدارە قىلماق.
مەلۇم بىر ئىجتىمائىي دۆلەت، مەمۇرىيەت، سودا ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تارماقلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن شتاتلىق خادىملىرى بولغان تەشكىلات، مۇئەسسەسە.
مائارىپ ئىدارىسى. ئىدارىدە ئىشلىمەك.