Uyghur主要词典
ئىددەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىددەت، بەلگىلىك ۋاقىت، مۇددەت:
ۋە داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئول زەئىفەنىڭ ئىددەتى ئۆتكەندىن سۇڭرە نىكاھ قىلماق بولدى.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگىلەپ قويۇلغان ۋاقىت، چەك قويۇلغان ۋاقىت.
<مۆھلەت>، <سۈرۈك> پۈتتۈرۈشكە ياكى قايتۇرۇشقا بەلگىلەنگەن ۋاقىت.
<ئىددەت> ئەردىن چىققان خوتۇننىڭ ھامىلدار ياكى ھامىلدار ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن چەكلەنگەن ۋاقىت.
ئىشقا ياراپ قالسا ئىلىمىڭ بىر مۇددەت، يەنە ئاشۇرۇشقا قىلغىن ست شىددەت. قەرزنى قەرەلىدە قايتۇر. ئىددەت تۇتۇش ياخشى ئادەت. سۈرىكى توشقان نەرسىنى ۋەدە بويىچە ۋاقتىدا قايتۇرۇش لازىم.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
ئەردىن ئاجرىغان ياكى ئېرى ئۆلگەن ئايالنىڭ ھامىلىدارلىقى ئېنىقلانغۇچە شەرىئەت قانۇنى بويىچە ئەرگە تېگىش مەنئى قىلىنغان يۈز كۈنلۈك مۇددەت ئىددەت تۇتۇش دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەردىن ئاجرىغان ياكى ئېرى ئۆلگەن بىر ئايال شەرىئەت قانۇنىغا ئاساسەن ئۈچ ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەگەر تەگسە، قورساقتىكى بالىنىڭ ئاۋۋالقى ئەرگە ياكى كېيىن تەگكەن ئەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئاجرىتىش قېيىن. پەقەت ئىدىدەت ئارقىلىقلا ئېنىقلىغىلى بولىدۇ. «ئىددەت» كۆرۈنۈشتە خۇراپىي ئادەتتەك كۆرانىسمۇ، لېكىن مەلۇم قانۇنىي ۋە ئىلمىي ئاساسقا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقى شەرىئەتنىڭ بۇ قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلگەن ۋە ئىدىدەت تۇتۇشنى ئادەت قىلغان. (ر)
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن ئايال ياكى تۇل خوتۇننىڭ قايتا نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى ساقلايدىغان مۇددىتىنى كۆرسىتىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەتتە ئايال كىشى ئۈچ قېتىم ھېيىز كۆرگەندىن كېيىن (2 - سۈرىنىڭ 228 - ئايىتىگە قاراڭ). ئۈچ ئاي (65 - سۈرىنىڭ 4 - ئايىتىگە قاراڭ)، ھېيىزى توختىغان ياكى نورمال بولمىغان ئاياللار، ياكى يېسىر قالغان خوتۇن تۆت ئاي 10 كۈنى (2 - سۈرىنىڭ 234 - ئايىتىگە قاراڭ) بولغاندا ئىددىتى تولغان بولىدۇ. ھامىلدار ئايالنىڭ ئىددىتى يەڭگىپ بولغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ بەلگىلىمىدە ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى يېسىر قالغان خوتۇننىڭ ھامىلدار ياكى ھامىلدار ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ھەمدە ئەر - خوتۇنلارنىڭ قايتىدىن يارىشىپ قېلىشىغا پۇرسەت بېرىش مەقسەت قىلىنغان. بۇ مەزگىلدە (ئىددەت مەزگىلىدە) نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاخىرقى ھېسابتا بۇزۇلۇپ كەتمىگەن بولىدۇ. ئەر كىشى <... (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە تۇتۇش ۋە ياكى ياخشىلىق بىلەن (يەنى زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي) قويۇۋېتىش لازىم...> (2 - سۈرىنىڭ 229 - ئايىتىگە قاراڭ). ئىددىتى توشمىغان ئايالنىڭ ئەرگە تېگىشىگە بولمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئىتىدە ئېرىدىن ئاجراشقان ياكى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ ھامىلىدارلىقى ئېنىقلانغۇچە ياتلىق بولۇشى مەنئى قىلىنغان يۈز كۈنلۈك مۇددەت، پەرھىز، كۈتۈش ۋاقتى.
ئىددەت تۇتماق. ئىددەت توشماق.
بۇ بالا كۈنلەرنىڭ بىرىدى دادىسى قازا قىلىپ، ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا قاپتۇ. ئىددەت مۇددىتى توشا - توشماي ئۆگەي ئانىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، بىر قارا كۆڭۈل ئادەم بىلەن ئېلىپ - تېگىشمەكچى بولۇشۇپتۇ.