Uyghur主要词典
ئىدا ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىدە ئەركىنلىك خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن. ناگانو، ئائىچىدىن ئىبارەت ئىككى ناھىيىدىكى لىبېرالىستلار پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ ئىشقا ئاشمىغان ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى ۋەقەسى. 1884 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ، ناگانو ناھىيىسى ئىدادىكى <ۋەتەنپەرۋەر ئادالەتچىلەر ئۇيۇشمىسى> ئەزالىرىدىن ساكۇرائى خېڭىچى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئائىچى ناھىيىسىدىكى لىبېرالىستلار پارتىيىسى ئەزالىرىدىن مۇراماتسۇ ئائىزۇ، ياگىي شىگېيوشى قاتارلىق كىشلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈلمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى قىلىش پىلانىنى تۈزۈشكەن. ئۇلار ئاۋۋال قوزغىلاڭ خىتابنامىسىنى يېزىپ چىقىش، ناننوبۇ كۈنىدىكى دېھقانلارنى قوزغىلاڭغا تەشكىللەش ھەمدە ناگۇيادا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە ئەسكەرلىرى ئىچىدە خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشنى بەلگىلىگەن. 10 - ئاينىڭ ئاخىرى چىچىبۇ ۋەقەسى يۈز بېرىپ، مۇراماتسۇ قاتارلىق كىشىلەر دەرھال ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى قىلىش قارارىغا كەلگەن. ئۇلار باج - سېلىقنى كېمەيتىش، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش، ئەسكەرلىككە ئېلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، ماركا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق شۇئارلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ناگويادىكى مۇداپىئە پوتەيلىرى بىلەن تۈرمىلەرنى چېقىپ تاشلاپ، ئەسكەرلەر بىلەن مەھبۇسلارنىڭ قوزغىلاڭغا قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان ھەمدە كافودىكى نامراتلار بىلەن بىرلىشىپ توكيونىڭ ئاگىنونى ئىگىلەپ <ھۆرلۈك ئىنقىلابى> نى جاكارلىماقچى بولغان. بىراق ئۇلارنىڭ پىلانى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، 12 - ئاينىڭ باشلىرىدا رەھبەرلىك ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنغان. مۇراماتسۇ قاتارلىق ئالتە نەپەر كىشى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.