Uyghur主要词典
ئىخۋان ئەل سەفا ۋە خۇللان ئەل ۋەفا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
Ⅹ ئەسىردىكى ئەرەب دىنىي پەلسەپە ئىلمىي تەشكىلاتى بولۇپ، <ۋاپادار يولداشلار ئۇيۇشمىسى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئەھلى ئادىللار، رەسائىلەچىلەر دەپمۇ ئاتالغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئەركىن پىكىرلىك بىر تۈركۈم ئۆلىمالار بەسرەدە مەخپىي تەشكىللىنىپ، باغداتتا شۆبە ئۇيۇشما تەسىس قىلدى. بۇ ئۇيۇشمىغا قاتناشقۇچىلار سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىماي، مەخپىي شەكىلدە سىياسىي ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. ئىسمائىلىيە، تەسەۋۋۇپچىلار، مۇئتەزىلىيە مەزھەپلىرىدىكى ئۆلىمالار ۋە قەرمەت ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلدى. بۇ ئۇيۇشما مۇقەددەسلىك، پاكلىق، ساداقەتلىكنى ئۆزىگە تەلىمات قىلدى. ئۇلار سىياسىي جەھەتتە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولۇپ، دىن ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىك ئىسلام دىنىنى بۇلغاپ ئاداشتۇرۇپ قويدى. ئۇنى پەلسەپە ۋە ئىلىم - پەن بىلىملىرى بىلەن تازىلاش ۋە داۋالاش لازىم، دېدى. مەزھەپلەرنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك قاراشتا بولماي، ئىنسانغا پايدىلىق بولغان دنىي، پەلسەپىۋى ئىدىيىلەر ۋە ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى تەتقىق قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنىدىكى ئىلمىي ئېقىملارنىڭ تەلىماتلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئىنساننىڭ جىمى بىلىم ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلسەپىنى بەرپا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ زېھنىنى قوزغاپ، دىنىي ئېتىقادنى تولۇق چۈشىنىپ، روھىنى پاكلاندۇرۇپ، ئاللانى تونۇشنى ۋە ئاللا ۋىسالىغا يېتىشنى تەشەببۇس قىلدى.
ئىخۋان ئەل سەفا ۋە خۇللان ئەل ۋەفا قامۇش شەكلىدە ئىلمىي ئەسەرلەر توپلىمى تۈزگەن. بۇ توپلامغا 51 پارچە (بەزىلەر 52 پارچە دەيدۇ) ئىلمىي ماقالە كىرگۈزۈلگەن. مەزمۇنى ماتېماتىكا، فىزىكا، مېتافىزىكا ۋە دىنىي ئەقىدىدىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈنگەن. پەلسەپە ۋە تەبىئىي پەنلەرنىڭ ھەر قايسى ساھەرلىرىگە چېتىلغان. سىياسىي بايانلار ئىستىئارە شەكلىدە ئېلان قىلىنغان. بۇ كىتاب 709 - يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ كىتابنى ئەل باستى، ئەل زەنجانى، ئەل نەھرە جۇرى، ئەل ئەۋدى، زەيد ئىبنى رىفائە قاتارلىق كىشىلەر ئىشلىگەن. <ئىلمىي ئەسەرلەر توپلىمى> دا دىنىي پەلسەپە ئىدىيىسى ۋە ئىجتىمائىي تەشەببۇسى بايان قىلىندى. پەلسەپىلىك ئىدىيە جەھەتتە ئۇلار يېڭى ئەپلاتونىزم تەلىماتىنى، پىفاگورچىلارنىڭ سان نەزەرىيىسىنى، ئارىستوتېلنىڭ لوگىكا ئىلىمىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەرنىڭ تەلىماتلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. مۇرەسسەچىلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دىن بىلەن پەلسەپىنى، ئىدراك بىلەن ئېتىقادنى ياراشتۇردى. ئىسلام ئەقىدىسىنى پەلسەپە ۋە تەبىئىي پەن قارىشى بىلەن دەلىللەپ، مۇرەككەپ دىنىي پەلسەپە ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئىدىيە ئېنىق دەھرىيلىك خاھىشىغا ئىگە قىلىندى.
ئالەمنىڭ بىنا بولۇشى توغرىسىدىكى نەزەرىيىدە ئۇلار سانلىق سىمۋول قىلىنغان تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاللا دۇنيانىڭ تۈپ مەنبەسىدۇر. ئاللا ھەممە ماددا ۋە روھتىن ھالقىغان ئالىي ھەقىقەتتۇر، دەپ قارىدى. ئۇلار مەۋجۇداتلارنىڭ سان ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل دۇنيا سانلارنىڭ لوگىكىلىق تەرتىپ بويىچە تەركىب تاپقانلىقىنى، <1> نى ئاساس قىلىپ نۇرغۇن شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىپ، چىققانلىقىنى تەكىتلىدى. دۇنيادىكى مەۋجۇداتلار ئاللا 1 دىن 9 غىچە سانلار تەرتىپى بىلەن چىقارغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، 9 سان ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى 9 پەلەمپەيگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنىڭ تەرتىپى مۇنداق: 1 ئىدراكقا (ئاللانىڭ دانالىقى) غا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 2 ئالەمنىڭ روھىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 3 ئورتاق ماددىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 4 تۇنجى ماددىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 5 تەبىئەت كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 6 شەكىلگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 7 ئالەمنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 8 تۆت ئېلېمېنت (تۆت تادۇ) (سۇ، ئوت، ھاۋا، تۇپراق) قا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 9 رودا، ئۆسۈملۈك، ھايۋاناتلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. يۇقىرىقى يارىتىش جەريانىنى تەتۈر ئۆرۈپ، 9 دىن 1 غا ياندۇرغاندا يالغۇز ئاللارغا قايتىدۇ، دەپ قارىدى.
تونۇش نەزەرىيىسى جەھەتتە، ئۇلار مەۋجۇداتلار سانلاردىن تەركىب تاپقان ئىكەن، شەيئىلەرنى تونۇغان ۋە تەتقىق قىلغاندا سان ۋە ھەرىپتىن باشلاش، لوگىكىلىق ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئارقىلىق، شەيئىلەر بىلەن سانلارنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىنى ئېچىش لازىم، دەپ قارىدى. ئۇلار بىلىش ئويېكتلىرىنى ئاللانى تونۇش ۋە تەبىئەت دۇنياسىنى تونۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىدى. كىشىلەرنىڭ ئاللانى تونۇشىنى ئاددىي بەدىلەرنىڭ تونۇشى ۋە دانىشمەنلەرنىڭ تونۇشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوخشىمايدىغان يولغا ئايرىدى. ئاددىي بەندىلەرنىڭ تونۇشى دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىلىش، نەپسىنى يىغىپ رىيازەت چېكىش، ئىمانغا ھۆرمەت قىلىش، قەلبىنى پاكلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاللانى تونۇش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت. تەقۋادار دانىشمەنلەرنىڭ ئاللانى تونۇش ئۇسۇلى تەبىئىي پەنلەر يەتكۈزۈپ بەرگەن نۇرغۇن تەجرىبە بىلىملىرىنى ئاساس قىلىپ، ئابستراكىت تەپەككۇر ئارقىلىق، سانلار لوگىكىسىنى قوللىنىپ، ئاللانىڭ ھەقىقىي مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللەش، ئاللانىڭ ھەممىگە قادىرلىقىنى، دانالىقىنى ۋە يارىتالايدىغانلىقىنى ئىدراك بىلەن چۈشىنىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئىنسان ئاللا بەرگەن روھ (ئەقىل ۋە ئىلھام) غا تايىنىپ، سەزگۈ ئەزالىرى، گۇۋاھلىق كەلىمىسى ۋە تەپەككۇرنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارى ئارقىلىق بىلىمگە ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى مەۋجۇداتلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇقەررەرلىكىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. ئىنساننىڭ شەيئىلەرنى تونۇش ئۇسۇلى تەدرىجىي ئىلگىرىلىگەن، ئايرىملىقتىن ئورتاقلىققا، يۈزەكىلىكتىن چوڭقۇرلۇققا يېتىش جەريانىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ئىنساننىڭ روھى ئالدى بىلەن سەزگۈ ئەزالىرىغا تايىنىپ شەيئىلەردىكى يۈزەكى ھادىسىلەر بىلەن تونۇشۇپ، پارچە - پۇرات، يۈزەكى تونۇشلارغا ئىگە بولىدۇ؛ ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سانسىزلىغان يۈزەكى ھادىسىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ماتېماتىكا ۋە لوگىكىنى تەتبىق قىلىپ، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تونۇش مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئىدراكىي تونۇشقا ئىگە بولغاندىلا ھەقىقىي بىلىمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئىدراكى ھەق - ناھەققە ھۆكۈم قىلىش، ھەرىكەتنى تىزگىنلەش، ئادەتنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىرادىگە قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
روھ بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتىدە <روھ پاكلىنىپ قايتىش تەلىماتى> نى ئوتتۇرىغا قويدى. <يەككە روھ> ئاللا ياراتقان <ئالەم روھى> دىن ئېقىپ، ئىنسان تېنىگە ماكانلاشقان، ئىنسان روھى ئالەم روھىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئۇ مۇستەقىل مەۋجۇت بولمايدۇ، دەپ قارىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىنسان روھىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئاسمان جىسىملىرىنىڭ شەكىللىنىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئانا ھامىلدار بولغاندىلا روھ تەنگە كىرىدۇ. ھامىلە يېتىلىش جەريانىدا قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئىنسان تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇش داۋامىدا ئۇنىڭ روھى رېئاللىقتىكى ھەر خىل چېنىقتۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. روھنىڭ يۈكسىلىشى ياكى زەئىپلىشىشى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ۋە ئالغان تەربىيىدىن ئىگە بولغان بىلىمنىڭ دەرىجىسىگە باغلىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روھ ياخشىلىق ياكى يامانلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل نەتىجىگە يۈزلىنىدۇ. نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىك يامانلىققا يۈزلىنىشنىڭ مەنبەسى بولىدۇ. ئالەم <بۈيۈك دۇنيا> دۇر. ئالەمنىڭ روھى بىلەن ئالەمدىكى مەۋجۇداتلار ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالەمنىڭ <قىيامەت كۈنى> يېتىپ كېلىدۇ. مەۋجۇداتلار يوقىلىدۇ. ئادەم <كىچىك دۇنيا> بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن ئادەم تېنىدىكى روھ بەدەننىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، پاكلىنىپ ئۆزىنىڭ روھى مەنبەسى (يالغۇز ئاللا) غا قايتىدۇ.
دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىدە ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ ئاللاغا بولغان ئېتىقادى كۆرۈنىدىغان ئېتىقاد ۋە ئىچكى ئېتىقادتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. كۆرۈنىدىغان ئېتىقاد دېگەندە، <تىلدا تونۇش>؛ ئىچكى ئېتىقاد دېگەندە، <دىلدا ئېتىقاد قىلىپ تىلدا ئوقۇش> كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھەقىقىي ئېتىقاد دىلى بىلەن تىلى بىردەك بولۇش، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى ئوخشاش بولۇشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. ئۇلار ئېتىقادنىڭ ئىپادىلىنىشىنى سىرتقى ئىپادىلىنىش ۋە ئىچكى ئىپادىلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ؛ سىرتقى ئىپادىلىنىش شەكلى بەش پەرزنى ئادا قىلىش، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىش؛ ئىچكى ئىپادىلىنىش شەكلى دىلنى ئىدراك بىلەن پاكلاشتۇرۇش، ياراتقان رەببىنىڭ دانالىقىنى ۋە سىرلىق ھېكىمەتلىرىنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت. ئۇلار ئېتىقادنىڭ چىن ياكى چىن ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمىدە بەش پەرزنى ئادا قىلىش، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ۋە ئالىيجاناب پەزىلەتلىك بولۇشتىن باشقا، ھەر خىل بىلىملەرگە كۆپ ئىگە بولۇش كېرەك. ئۇنداق بولمىسا ئۇنداق بولمىسا قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى. شەرىئەت مەسىلىسىدە ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئېتىقاد بىلەن شەرىئەتنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈش لازىم. ئاللاغا بولغان ئېتىقاد مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئىككىلىنىشكە بولمايدۇ، شەرىئەت ئېتىقادقا بويسۇنىدۇ. مۇئەييەن ئىجتىمائىي شارائىتقا ئاساسەن كىشىلەر ئۇنى ئېتىقاد ھەرىكىتىنىڭ قائىدىلىك ئۆلچىمى قىلىپ تۈزۈپ چىققان. ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى شەرىئەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن كونا قاراشلارغا يېپىشىۋېلىشقا بولمايدۇ.
ئىخۋان ئەل سەفا ۋە خۇللان ئەل ۋەفانىڭ <ئىلمىي ئەسەرلەر> توپلىمىغا گرېك پەلسەپىسى، ئىسلام مەزھەپلىرىنىڭ تەلىماتلىرى ۋە تەبىئىي پەنلەرگە دائىر ئەسەرلەر توپلانغان بولۇپ، بۇ توپلام مۇھىم ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە. ئەينى چاغدىكى بىلىم ساھەسىگە ۋە ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەرگە مۇئەييەن تەسىر كۆرىسىتىپ، ئەرەب پەلسەپە ئىدىيىسىىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى.