Uyghur主要词典
ئىخۋانىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى مەزھەپلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. <ئىخۋانىيە> دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنسىى <قېرىنداش> دېگەنلىك بولىدۇ. <ئەھلى سۈننەت> مۇ دېيىلىدۇ. باشقا مەزھەپلەر ئۇلارنى <ئەھلى جەدىتلەر> دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەزھەپنى ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى گەنسۇ خېجۇ (ھازىرقى لىنشا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى) دىكى دۇڭشاڭ مىللىتىدىن چىققان مەشھۇر ئاخۇن ماۋەنفۇ قاتارلىق كىشىلەر قۇردى. ماۋەنفۇ 1888 - يىلى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغاندىن كېيىن، شۇ يەردە قېلىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، ۋەھھابىلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلدى. جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لىنشا رايونىدىكى گې، رۇ، سەن دى، ئۇمۇشۇن قاتارلىق ئون ھاجى بىلەن جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، <دىندا قۇرئان بويىچە يول تۇتۇش>، <سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ، دەھرىيلىكنى تۈگىتىش> شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىخۋانىيەنى قۇردى ھەمدە <ھەممە ئىشتا >قۇرئان كەرىم< گە قايتىش> نى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي قائىدە - يوسۇنلىرى قېلىپلاشتۇرۇشنى، بىدئەتلىككە، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئەۋلىيا - ئەنبىيالارغا ۋە ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىلىرىگە تېۋىنىشىگە قارشى تۇرۇشنى، قۇرئان ۋە ھەدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ قارالغان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەدىمىيە ۋە سۈلۈكلەرنىڭ قاتتىق قارشلىقىغا ئۇچراپ، كۆپ قېتىم مۇنازىرە بولدى. ئون ھاجى ئىچىدىكى بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ماۋەنفۇ خېخۇاڭ ۋەقەسىگە چېتىلىپ قېلىپ قېچىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەزھەپنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. 1918 - يىلىدىن كېيىن، ماۋەنفۇ قاتارلىق كىشىلەر چىڭخەيدىكى دۇڭگۇەن مەسچىتىنى بازار قىلىپ، دەرس ئۆتۈپ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇسۇلمانلارنى تەكلىپ قىلىپ، نىڭشادىكى گوشىڭگاۋ، فۇسۇڭشەن، لىنشادىكى ماشاڭچىن، چىڭخەيدىكى مالۇ قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ئاخۇنلارنى تەربىيىلىدى ھەمدە كىتاب يېزىپ تەشۋىق قىلىپ، ئىخۋانىيەنىڭ تەشەببۇسىنى زور كۈچ بىلەن تارقاتتى. نىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى مابۇفاڭ ۋە نىڭشا ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى مابۇفاڭ ۋە نىڭشا ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى ماخۇڭكۇينىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. ئۇلار قىسقىغىنا بىر نەچچە ئون يىلدا گەنسۇ، نىڭشا، چىڭخەيدە چوڭ تەرەققىي قىلدى. ئىخۋانىيە دىنىي ئەقىدە جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلدى. شەرىئەت جەھەتتە ھەنەفىيە تەلىماتىغا بويسۇندى. ئۇلار دىننى <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىس بويىچە ئىجرا قىلىشنى، قۇرئانغا ۋە ھەدىسكە زىت كېلىدىغان ھەممە قائىدە - يوسۇنلارنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇلارنىڭ ئاساسىي تەشەببۇسلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) دىنىي ئەمەل جەھەتتە ئىمان ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىشنى قاتتىق ئادا قىلىشنى، قۇرئان، ھەدىس ۋە شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى، بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. (2) قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە كەلىمە تەييىبە، كەلىمە شاھادەت ئوقۇش تائەت - ئىبادەت، تىلەك - ئارماننى ئەمەس، ئاللانى تونۇشنى ۋە ئاللادىن قورقۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قارىدى؛ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا ھەدىيە ئالماسلىقنى، مۇسۇلمانلاردىمۇ قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن مال سويۇپ غىزا تەييارلىماسلىقنى، كۈجە ياقماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى. (3) نامازدا بارماق چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلدى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ كەلىمە شاھادەت ئوقۇغاندا كۆرسەتكۈچ بارماق (بىگىز قول) نى چىقىرىش ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، سۈننەتتۇر، دەپ قارىدى، تۆۋە ئىستىغپار ئوقۇغاندا بارماق چىقىرىشقا قارشى تۇردى. (4) نىيەت كەلىمىسىنى ئىچىدە ئەرەبچە ئوقۇشنى ھەمدە نىيەت كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشنى، بولمىسا خەنزۇ تىلىدا نىيەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەتنە قىلمىغان ئادەمنىڭ ناماز ئوقۇشىغا قارشى تۇردى. (5) جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئادەمگە ئاخۇنۇم خەتمە قۇرئان قىلىپلا قالماستىن، ئادەتتىكى مۇسۇلمانلار خەتمە قۇرئان قىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئادەم ئۆزى دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ گۇناھىنى يۇسا بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلدى؛ مېيىتنى سۇغا ئالغاندا <سۈرەتاھا> نى ئوقۇشقا قارشى تۇردى. (6) مېيىتكە ئاتان تۈنەشكە، سەھەردە خەتمە قۇرئان قىلىشقا، يەتتىسى، قىرقى، يۈزى، يىلى بولغان كۈنلىرى قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا قارشى تۇردى، سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ جۈمە كۈنلىرى دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ مەرھۇمنى ئەسلەشنى تەشەببۇس قىلدى؛ مەرھۇمگە ئاتاپ چىگە باغلاپ قارىلىق تۇتۇشقا ۋە يۇقىرى ئاۋاز چىقىرىپ يىغلاشقا قارشى تۇردى. (7) ئاياللارنىڭ لىچەك سېلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇق ھالەتتە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا قارشى تۇردى. (8) قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا، بىر ئادەم ئوقۇش، جامائەت ئاڭلاشنى تەشەببۇس قىلدى، ھەممەيلەننىڭ تەڭ ئوقۇشىغا قارشى تۇردى. (9) گۈمبەزنى تاۋاپ قىلشىقا ۋە ئىمامغا تىۋىنىشقا قارشى تۇردى. (10) <قۇرئان كەرىم> ئارقىلىق مەرھۇمگە فىدىيە يەتكۈزۈشكە قارشى تۇردى. بۇ تەشەببۇسلار جايلاردا تارقالغاندىن كېيىن، ئىخۋانىيەنىڭ ئاساسلىق قائىدە - يوسۇنى بولۇپ قالدى. مەدرىس تەربىيىسىدە ئىخۋانىيە خەنزۇچە بىلەن ئەرەبچىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەرەبچىگە ۋە خەنزۇچىغا پىششىق دىنىي زاتلارنى تەربىيلەشنى، دىنىي ئەقىدىلەرنى خەنزۇچە تەشۋىق قىلىشى تەشەببۇس قىلدى. ئاياللارنىڭ پۇتىنى بوغۇشقا قارشى تۇردى.