Uyghur主要词典
ئىبنى ئابدۇۋەھھاب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇۋەھھاب، 1703 - 1793) ئىسلام دىنىدىكى ۋەھھابىيەنى قۇرغان ئادەم. نەجد (ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانى) دا دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە دادىسىدىن (دادىسى قازى بولغان) دىنىي بىلىم تەھسىل قىلغان. بەسرە، باغدات، كۇرىستان قاتارلىق جايلاردا كۆپ يىل تۇردى. ئىسفاھانغا بېرىپ سوپىزم پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلدى. كېيىن قۇمغا كېلىپ ھەنبەلىيەگە قىزغىن ئەمەل قىلغۇچى بولدى. جايلارنى ئايلانغاندا قەبرە يوقلايدىغان، ئەۋلىيالارغا، ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىسىگە، دەرەخلەرگە، غارلارغا تېۋىنىدىغان پالىيەتلەرنى كۆرۈپ، بۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرغىب قىلغان ئەقىدىدىن چەتنەپ كەتكەنلىك، دەپ قاراپ، ئىلمىي تەۋھىدكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىن چەتنەپ كەتكەن بارلىق دىنىي مۇراسىملارغا ۋە ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. نەجدتە دىنىي تەبلىغاتنى باشلىغاندا سوغۇق مۇئامىلىگە ۋە قارشى تۇرۇشقا ئۇچرىدى. كېيىن دەرئىيەدە (ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانى چېگرىسى ئىچىدە) سەئۇدى جەمەتىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ۋەھھابىيە ئەقىدىسى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئومۇملاشتى. ئىبنى ئابدۇۋەھھاب دەرئىيەدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ھاياتىدا <ئىلمىي تەۋھىد>، <ئىمان>، <ئادىللىق>، <ئاللانى تونۇش>، <ئىسلام دىنىنى تونۇش> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە يازغان ئەسەرلىرى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش پىكىر ئېقىمىنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىدىن بىرى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.