Uyghur主要词典
ئىبنى تۇفەيل
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەبۇ بەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل مەلىك بىننى مۇھەممەد ئىبنى تۇفەيل، 1105 - 1185) ئىسلام پەيلاسوپى. ئىسپانىيىدىكى گرانادانىڭ يېنىدا دۇنياغا كەلگەن. بۇرۇن دوختۇرلۇق قىلغان، گرانادا، شۇدا ۋە دەنكىر ۋالىلىرىغا كاتىبلىق قىلغان. كېيىن مۇۋەھھىد سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسىگە دوختۇر ۋە ۋەزىر بولدى. 1982 - يىلى ئىبنى رۇشىدنى ئوردا دوختۇرى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئىشلەشكە كۆرسەتتى. ماراكەشتە ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبنى باججەنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپىسىگە ھۆرمەت قىلدى. <ھاي بىننى ياغزان> ناملىق پەلسەپىۋى رومان يېزىپ، ئىنسان تونۇشىنىڭ ھېسسىيلىقتىن ئىدراكلىققا يېتىدىغانىقىنى، باشقىلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇش داۋامىدا خۇدانى ۋە ئۆزىنىڭ خۇداغا تايىندىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىدى. بۇ ئەسەر ئىسلام پەلسەپسىگە ۋە تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئىشراقىيە پەلسەپىسىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى.