Uyghur主要词典
ئىبنى تۇمارت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبنى تۇمارت، 1077 - 1130) ئىسلام دىنىدا دىننى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، مۇۋەھھىد سۇلالىسىغا ئاساس سالغان ئادەم. ئاتلاس تاغلىق رايوندىكى بەربەرلەرنىڭ مۇسمۇداھ قەبىلىسىدىن. كىچىكىدىن ئىخلاس بىلەن ئوقۇپ، تۇرمۇشتا تەلەپچان بولدى. مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغاندىن كېيىن، دەمەشىق ۋە باغداتقا بېرىپ بىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەشئەرىيەنى ۋە غەززالىنىڭ تەسەۋۋۇپچىلىقىنى قوبۇل قىلدى. لېكىن، شىئە مەزھىپىنىڭ تەسىردىنمۇ خالىي بولمىدى. ماراكەشكە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى تەشۋىق قىلىپ، كۆپ قېتىم چەتكە قېقىلدى. ئاخىر ئۆز يۇرتىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. تىنمالدا رىبارت قۇرۇپ، مۇرابىت سۇلالىسى ئەۋلىيا بىلەن ئوخشاش جىنىسلىق، ئوخشاش شەكىللىك دېيىشنى ئەيىبلىدى. ئاللانىڭ تەنھالىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى مۇۋەھھىدلار (بىر خۇدارلىق بەندىلەر) دەپ ئاتالدى. 1121 - يىلى ئۆزىنى ئىمام مەھدى دەپ جاكارلاپ، مۇرابىت سۇلالىسىغا قارشى غازات قوزغىدى. ئابدۇ مۆمىننى ئورنىغا تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئالەمدىن ئۆتتى، تىنمالغا دەپنە قىلىندى.